ۋىتامىن E كۆپ ئۇچرايدىغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىۋلارنىڭ بىرى، ۋىتامىن Eنى ئىچىپ بەرگەندە قېرىشنى كېچىكتۈرۈش رولىنى ئۆتەيدۇ، ئۇ قورۇقنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئازايتىپ، ياشلىق قىياپىتىنى ساقلايدۇ. شەرقىي جەنۇب داشۆسى قارىمىقىدىكى جۇڭدا دوختۇرخانىسى تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى جاڭ جىڭدۇڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋىتامىن E تېرە ھۈجەيرىسىگە كىرىپ ئەركىن رادىكال، ئۇلترا بىنەپشە نۇر ۋە بۇلغىمىلارنىڭ زىيىنىغا بىۋاستە تاقابىل تۇرۇشقا، ئۇنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ساقلاشقا، قېرىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ، شۇڭا ئىستېمال قىلىشتىن باشقا، ۋىتامىن Eنى يۈزگە بىۋاستە سۈركەشكە بولىدۇ.
ۋىتامىن E ئارقىلىق تېرە ئاقارتىش ئۇسۇلى: قېتىقتىن ئىككى قوشۇق، ھەسەلدىن يېرىم قوشۇق، لىمون سۈيىدىن يېرىم قوشۇق ئېلىپ، ئۈچ تال تەبىئىي ۋىتامىن E بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئۇماچ ھالەتكە كەلتۈرىمىز؛ يۈزگە سۈركەپ 15 مىنۇتتىن كېيىن ئىلمان سۇ بىلەن يۇيۇۋېتىمىز، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، زىيادە ئىسسىق ياكى بەك سوغۇق سۇ ئىشلەتمەسلىك كېرەك، بۇ خىل ئۇسۇل تەر تۆشۈكچىلىرى ئىچىدىكى كىرنى تازىلاپ، ئوزۇقلۇق بېرىپ تېرىنى ئاقارتىدۇ.
ۋىتامىن E ئارقىلىق نەملىك ساقلاش ئۇسۇلى: ۋىتامىن كۇمىلىچىنى يىڭنە بىلەن تېشىپ سۇيۇقلۇقىنى مەلھەم سۇيۇقلۇقى ياكى يۈز مېيىغا تېمىتىپ، ئاسراش زۆرۈر بولغان ئورۇنغا سۈركىسەك، ئۈنۈملۈك ھالدا تېرىنىڭ نەملىكىنى ساقلىغىلى بولىدۇ. يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن، ۋىتامىن Eنى تېرە ئاسراش سۇيۇقلۇقىغا ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتسەك، تېرە قۇرغاقلىشىپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ بۇ ئۇزاق مۇددەت ھاۋا تەڭشىگۈچ ئاستىدا خىزمەت قىلىدىغان ئاياللارغا ماس كېلىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق ئەسكەرتىدۇ: تېرىنىڭ زىيادە سېزىمچانلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يۈزگە سۈركەشتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشىسى ئاز مىقداردا تېرە سىنىقى ئېلىپ بېرىش كېرەك. ۋىتامىن Eنى كۆپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىستېمال قىلىش كېرەك. سىرتتىن سۈركەشتىن باشقا، تەركىبىدە ۋىتامىن E مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، تېرىنى ئاقارتىپ، داغلارنى يوقاتقىلى بولىدۇ. مەسىلەن، مىخوۋتاۋ، بوسەي، كاللاكبەسەي، ئوسۇڭ، تاتلىقياڭيۇ، شەنياۋ، ئۆرۈك مېغىزى، ئورمان ياڭىقى ۋە ياڭاق قاتارلىقلار.
تېمىغا قارىتا كۆز قارىشىڭىز بولسا ئاستىدا ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى بار، كۆز قارىشىڭىزنى ئورتاقلىشىڭ!!!