بەل ئاغرىقى ئەرلەردە كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ، ئەرلەردە بەل ئاغرىغاندا، ھامان باشقىلارنىڭ چاقچاق قىلىپ: «بۆرىكىڭ ئاجىزلاپ كېتىپتۇ» دېگىنىنى ئاڭلايدۇ. ئەمەلىيەتتە بەل ئاغرىش بۆرەكنىڭ چوقۇملا زەئىپلەشكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بۇنىڭدا يەنە باشقا يوشۇرۇن ئەھۋالمۇ بولۇشى مۇمكىن.
ئەرلەردىكى بەل ئاغرىشنىڭ سەۋەبى:
زىيادە چارچاش.
زىيادە چارچاش ئەرلەردىكى بەل ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتا كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەب بولۇپ، نۇرغۇن ئەرلەر خىزمەت قىلىش سەۋەبىدىن ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرۇش ياكى ئۇزۇن مۇددەت ئۆرە تۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇنداق ئۇزۇن مۇددەت بىرلا خىل ھالەتنى ساقلاش بەلنىڭ يۈكىنى ئاسانلا ئېغىرلىتىپ، بەل ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە بەل مۇسكۇلى زەخملىنىدۇ.
ئادەتتىكى ئەھۋالدا، بەل مۇسكۇلى زەخملىنىشتىن بولغان ئاغرىق يوشۇرۇن ئاغرىق بولۇپ، ھېرىپ-چارچاشتىن كېيىنكى ئاغرىقنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ، يېتەرلىك ئارام ئالغاندىن كېيىن بەل ئاغرىقى ياخشىلىنىپ قالىدۇ.
بۆرەك زەئىپلىشىش.
بۆرەك زەئىپلىشىشمۇ ئەرلەرنىڭ بەل ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتا كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ تۈردىكى بەل ئاغرىقى ئاساسەن بەلنىڭ يۇمشاپ كەتكەندەك سېزىمدا بولۇشى، ماغدۇرسىزلىنىشى، يوشۇرۇن ئاغرىق سېزىمى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ. ئەرلەر چارچىغاندا ياكى ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن بەل ئاغرىقى تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئادەتتە چىرايى تاتىرىش، سوغۇقتىن قورقۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، كۆپىنچە بۆرەك زەئىپلىشىشتىن كېلىپ چىققان بەل ئاغرىقى بولىدۇ.
سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىنىڭ ياللۇغلىنىشى.
ئەرلەرنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى كېسەللىكتىن يۇقۇملانغاندا، مەسىلەن: مەزى بېزى ياللۇغى، دوۋساق ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغاندا، ئەرلەردە بەل ئاغرىش، بەل تېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا يەنە ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىغا تەسىر قىلىدۇ. ئەرلەردە سۈيدۈك ئاغرىتىپ كېلىش، پات-پات سىيىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بەل ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
بۆرەككە تاش چۈشۈش.
بۇمۇ ئەرلەرنىڭ بەل ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتا كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەب بولۇپ، بۆرەككە تاش چۈشۈش كەلتۈرۈپ چىقارغان بەل ئاغرىقى بىلەن ئادەتتىكى بەل ئاغرىقى ئوتتۇرىسىدا بەلگىلىك پەرق مەۋجۇت. بۆرەككە تاش چۈشۈش كەلتۈرۈپ چىقارغان بەل ئاغرىقىنىڭ كۆپىنچىسى بەلنىڭ ئۈستىدىرەك بولىدۇ. تاش ھەرىكەت قىلمىغاندا بەل ئاغرىش تاسادىپىي پەيدا بولىدۇ. لېكىن تاش ھەرىكەت قىلغاندا، ئاغرىق سېزىمى ناھايىتى قاتتىق بولۇپ، ئېغىر بولغاندا بىمار ئۆرە تۇرالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
ئەرلەردىكى بەل ئاغرىقىنى قانداق ياخشىلاش ۋە داۋالاش كېرەك ؟
ئۆزىدىكى بەل ئاغرىقىنىڭ مەلۇم كېسەل سەۋەبلىك كېلىپ چىققان-چىقمىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئەگەر كېسەل سەۋەبلىك كېلىپ چىققان بەل ئاغرىقى بولسا، چوقۇم دوختۇرخانىغا ۋاقتىدا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك.
ئەگەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا زىيادە چارچاش، ئولتۇرۇش ھالىتى قاتارلىق فىزىيولوگىيەلىك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەل ئاغرىسا، ئادەتتە كۆپرەك دىققەت قىلىش، ئۇزاق ۋاقىت بىر خىل ھالەتنى ساقلاپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. كۈندىلىك بوش ۋاقىتلاردا بەلنى ھەرىكەتلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىپ، بەلنىڭ بەلگىلىك ئارام ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، بۇنداق قىلىش بەل ئاغرىقىنى پەسەيتىشكە ئىنتايىن پايدىلىق.
يۇقىرىقىلار ئەرلەرنىڭ بەل ئاغرىقىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار بولۇپ، بەل ئاغرىسا چوقۇم يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىپ، ۋاقتىدا تەكشۈرتۈش ۋە داۋالىنىش كېرەك.
تېمىغا قارىتا كۆز قارىشىڭىز بولسا ئاستىدا ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى بار، كۆز قارىشىڭىزنى ئورتاقلىشىڭ!!!