بۇ خىل خاتا ساغلاملىق بىلىملىرىگە سىزمۇ ئىشەنگەنمۇ؟ (2)
13. سالامەتلىك تەكشۈرتسىمۇ بەرىبىر ئاغرىيىدىغان ئىش، يەنىلا تەكشۈرتمىگەن ياخشى.
قورساق تويسىمۇ يەنە ئاچىدۇ، مەن تېخى بىرەر كىمنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقىنى كۆرۈپ باقمىدىم.
سالامەتلىك تەكشۈرتۈش بىزگە بەدىنىمىزنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى دەپ بېرىدۇ، ھەمدە بەزى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ئالدىن بايقىغىلى بولىدۇ، ھەر يىلى بىر قېتىم نورمال سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك.
14. تۈز تەرخەمەكنىڭ ھەممىسىگە دېھقانچىلىق دورىسى پۈركۈلگەن، يېيىشكە بولمايدۇ.
تۈز تەرخەمەك، ئەگرى تەرخەمەك، ھەممىسى ياخشى تەرخەمەك. نورمال ئۆسكەن تەرخەمەك تۈز بولىدۇ، پەقەت بەزىدە ھاۋا يورۇقلۇق شارائىتى ناچار بولۇش، سۇ، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن بەزىلىرى مايماق-سايماق ئۆسۈپ قالىدۇ.
15. قارا كۈنجۈت چاچنى قارايتىدۇ.
قارا كۈنجۈتنىڭ تەركىبىدە مول مىكرو ئېلېمېنت بولسىمۇ، لېكىن مىكرو ئېلېمېنتلار كەمچىل بولغان ئاق چاچقا نىسبەتەن تەسىر كۈچى بەك كىچىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەپ بولغاندىن كېيىن يۈز پىرسەنت قوبۇل قىلىنىشى ناتايىن.
يېشى چوڭ بولغانلىقتىن كېلىپ چىققان ئاق چاچقا نىسبەتەن، قارا كۈنجۈتنىڭ چاچنى قارايتىش رولى بولمايدۇ.
16. چاچ ئادەم بەدىنىدىكى نۇرغۇن ئوزۇقلۇقنى قوبۇل قىلىۋالىدۇ.
چاچ ئۆسۈپ چىققاندىن كېيىنلا قېتىپ ھاياتلىقىنى يوقىتىدۇ. چېچىمىزدا قان تومۇر نېرۋا يوق، شۇڭا چاچ بىزدىكى ئوزۇقلۇقنى ئەسلا قوبۇل قىلمايدۇ، دوستلارنىڭ ئەنسىرىشىنىڭ ھاجىتى يوق.
17. ئەتىر سوپۇن تېرىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، يۇيۇنۇش سۇيۇقلۇقى راك پەيدا قىلىدۇ.
ئەتىر سوپۇننىڭ پاكىزلاش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ، يۇيۇنۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ تېرە سېزىمى ياخشىراق، بىراق پەرقى بەك چوڭ ئەمەس. قايسىسىنى ياخشى كۆرسىڭىز شۇنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، ئىككىلەنمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
18. ئۈنۈملۈك ئورۇقلىتىش دورىسى مەۋجۇت ئەمەس
ئورۇقلاشتا ئۇدۇل يول يوق، يېيىشكە، چېنىقىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر سىز قارار چىقىرالمىسىڭىز بەلكىم مەڭگۈ باشلاشقا ئامالسىز قالىسىز.
19. ياڭاق يېسە مېڭىگە پايدىلىق، شەكلى نېمىگە ئوخشىسا شۇنى تولۇقلايدۇ.
ئوزۇقلۇقنى ئۇنىڭ تۇرقىغا قاراپ ئەمەس ئوزۇقلۇق تەركىبى بويىچە باھالايدۇ.
20. تۇخۇم ئېقىنى يۈزگە سۈرسە تېرىنى ئاقارتىدۇ
تۇخۇم ئېقى ئىچىدە تېرىنى ئاقارتالايدىغان ئۈنۈملۈك تەركىب يوق، ئەكسىچە پىشمىغان تۇخۇم ئېقىدا باكتېرىيە بولۇشى مۇمكىن، يۈزگە سۈرسە ئاسانلا زىيادە سەزگۈرلۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
21. سىمسىز wifiدا رادىياتسىيە بار، بەك خەتەرلىك.
ئەگەر سىز سىمسىز تور بار جايدا تازىلىق ئۆيىگە كىرسىڭىز، بەلكىم سىز ئوبۇرنىدا بىر نەچچە سائەت يانفون ئوينىيالايسىز. (كۆردىڭىزمۇ؟ زىيىنى چوڭمىكەن؟) ئەمەلىيەتتە سىمسىز رادىياتسىيەنىڭ سالامەتلىككە ھېچقانداق تەسىرى يوق، بۇنىڭدىن ئەنسىرىمەڭ.
22. ئەڭ ياخشى ھەرىكەت «يول يۈرۈش».
زىيادە پىيادە مېڭىش تىزنى تۈگىتىۋېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، نورمال ئادەم ھەر كۈنى 10000- 6000 قەدەم يول ماڭسا مۇۋاپىق بولىدۇ، مۇساپىسى 5~3 كىلومېتىر بولسا بىر قەدەر مۇۋاپىق. ئەگەر ھەر كۈنى ھەددىدىن زىيادە يول ماڭسا تىز يارىلىنىشى مۇمكىن.
23. بەرەڭگە شۆپىكى بىلەن چاچ بوياشقا بولىدۇ
بۇ رىۋايەت راست، ھەيران قالدىڭىزمۇ؟ گەرچە بۇ راست بولسىمۇ، لېكىن بەرەڭگە شۆپىكى بىلەن چاچ بوياشنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى قىسقا، ئاساسەن بىر قېتىم چاچ يۇيسىلا يوقاپ كېتىدۇ.
24. چىش چوتكىلىغاندا تىل گېزىنى يۇيۇشنىڭ ھاجىتى يوق
چىشنى چوتكىلاپلا قالماي، يەنە ئەستايىدىل چوتكىلاش كېرەك. تىلنىڭ ئۈستىدە نۇرغۇنلىغان باكتېرىيەلەر بولىدۇ، دائىم تازىلاپ تۇرسىڭىز، ئاغزىڭىز ئۇنداق بەك پۇراپ كەتمەيدۇ.
تېمىغا قارىتا كۆز قارىشىڭىز بولسا ئاستىدا ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى بار، كۆز قارىشىڭىزنى ئورتاقلىشىڭ!!!