قىش پەسلى بالىلارنىڭ كۆپ زۇكام يۈز بېرىدىغان مەزگىلى بولۇپ، نۇرغۇن بالىلاردا مۇشۇ سەۋەبلىك ماڭقا ئېقىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئالاقىدار دوختۇرلارنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، بالىلار زۇكام بولۇپ قالغاندا، ئاتا ئانىلار بالىلارنىڭ ماڭقا ئالامىتىدىن، يەنى ماڭقىنىڭ رەڭگى قاتارلىقلاردىن بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى بىلىۋالالايدىكەن.
ئەگەر بالىدا سۈزۈك سۇ ماڭقا پەيدا بولسا، بۇ كۆپىنچە زۇكام ۋە زىيادە سەزگۈرلۈك بۇرۇن ياللۇغىدىن كېلىپ چىقىدىكەن. «زۇكامنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ماڭقا ئېقىش، بۇرۇن شىللىق پەردىسى يېپىشقان كېسەل قوزغاتقۇچىنى ئېقىتىپ كېتىپ كۆپلەپ شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. بۇ چاغدا ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ كۆپرەك ئارام ئېلىشىنى، كۆپرەك سۇ ئىچىشىنى ياكى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە زۇكام دورىسى ياكى ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى ئىچىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.» دېدى گو دوختۇر.
ئاق رەڭلىك يېپىشقاق ماڭقا بولسا، زۇكامنىڭ ئېغىرلىشىش مەزگىلى ياكى ئاستا خاراكتېرلىك بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى مەزگىلىدە كۆپ كۆرۈلىدۇ. دوختۇرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، زۇكام ئېغىرلاشقاندىن كېيىن ماڭقا ئاستا-ئاستا قويۇق سۈت رەڭگە ئۆزگىرىدىكەن. ئەگەر 10 كۈندىن ئارتۇق زۇكام بولۇپ يەنىلا ياخشىلىنىش بولمىغان، ھەمدە بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش، باش ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن بولسا، بالىنىڭ بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان-بولمىغانلىقىنى ئويلىشىش كېرەك، بۇ چاغدا بالىنى مەخسۇس كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ دىئاگنوز قويۇش كېرەك.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سېرىق، يېشىل يىرىڭلىق ماڭقا كېسەللىك باكتېرىيىسى بېسىپ كىرگەندە كۆپ كۆرۈلىدۇ. دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، سېرىق، يېشىل، يىرىڭلىق ماڭقا پەيدا بولغاندا، بالىنىڭ بەدىنىنىڭ كېسەللىك باكتېرىيەسى تەرىپىدىن يۇقۇملانغانلىقى، ئاق قان ھۈجەيرىسى بىلەن كېسەللىك باكتېرىيەسىنىڭ «بىرىكىش»تىن كېيىن بۇرۇن بوشلۇقىغا چىقىرىۋېتىلسە، ماڭقا سېرىق، يېشىل ياكى سېرىق يېشىل رەڭگە ئۆزگىرىدىغانلىقى، بۇ چاغدا دوختۇرلار بالىنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ياكى باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى تەكشۈرۈشى كېرەكلىكىنى، شۇنىڭدەك ئانتىبىئوتىك دورىلارنى ئىشلىتىش كېرەكمۇ- يوق دېگەن مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك ئىكەن.
مەسلىھەت سورىماقچى ياكى مەھسۇلات سېتېۋالماقچى بولسىڭىز تېلفون قىلىڭ: 13109917493(ئۈرۈمچى)
تور بىكەتنى ئەنگە ئالدۇرغان \ ئىجازەت نومۇرى: 新ICP备16000802号