بەزىلەر ھەيز مەزگىلىدە شاكىلات يېيىشكە بولمايدۇ، چۈنكى شاكىلاتنىڭ قەنت تەركىبى يۇقىرى، بىر قەدەر تاتلىق بولغاچقا ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەيدۇ. ئۇنداقتا بۇ قاراش توغرىمىدۇ؟
شاكىلاتنىڭ تەركىبىدە كالىي، ماگنىي، ۋىتامىنA، كوففېئىن، پولىفىنول قاتارلىق ماددىلار مول. بۇنىڭ ئىچىدىكى پولىفنولنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، ئورگانىزىمدىكى ئارتۇقچە ئەركىن رادىكالنى تازىلاشتا بەلگىلىك رولى بار. ئادەتتە مۇۋاپىق مىقداردا يېگەندە قېرىشنى كېچىكتۈرۈش رولىنى ئوينىيالايدۇ. ئۇنداقتا ھەيز مەزگىلىدە شاكىلات يېيشنىڭ قانداق رولى بار؟
1.ھەيز مەزگىلىدە شاكىلات يېيىش قاننىڭ راۋان ئايلىنىشىغا ياردەم قىلىدۇ
ئاياللارغا ھەيز كەلگەندە ئاغرىشىنى بەدەندىكى قان-تومۇرلارنىڭ راۋانسىزلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا شاكىلات يەۋەتسە ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ. چۈنكى شاكىلاتنىڭ تەركىبىدە بىر خىل فېنول بىرىكمە ماددىسى بار. بۇ خىل ماددا ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، تېزلىكتە سۈمۈرۈلۈپ، قاندىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تەركىبىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ياردەم بېرىپ، ئادەم بەدىنىدىكى قاننىڭ راۋان ئايلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
2.ھەيز مەزگىلىدە شاكىلات يېيىش بىئارامسىزلىقنى پەيسەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ
ئاياللارغا ھەيز كەلگەندە، دائىم ئىچى پۇشۇپ، تېرىكىپ، جىمغۇرلىشىپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتىمۇ شاكىلات يېسە، ئادەم بەدىنىدىكى قەھۋە پېپتىدنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى غىدىقلاپ، كەيپىياتنى ياخشىلايدۇ.
ھەيز مەزگىلىدە شاكىلات يېيىش مىقدارىنى كونتىرول قىلىش كېرەك. مۇۋاپىق مىقداردىكى شاكىلات يېيىش ھەيز مەزگىلىدىكى ھەرخىل بىئاراملىقلارنى پەسەيتىشتە ياردىمى بار بولسىمۇ، بىراق بەلگىلىك مىقداردا كونتىرول قىلىپ يېيىش كېرەك. ئەگەر زىيادە يەۋالغاندا، ئەسلىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇپلا قالماي، ھەيز مەزگىلىدىكى ئاغرىق ئالامىتىنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ. شاكىلاتتا كوففېئىن بار بولۇپ، ئەگەر زور مىقداردا قوبۇل قىلىنسا، كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىش، ھەيزنىڭ ئاغرىتىپ كېلىشىنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ. كوففېئىن مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەيز مەزگىلىدىكى تەشۋىشلىك، ئولتۇرۇپ-قوپۇشتا بىئارامسىزلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھەيز مەزگىلىدىكى ئاغرىق ۋە بىزارلىق تۇيغۇسىنى ئاشۇرىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، كوففېئىنمۇ بىر خىل سۈيدۈك راۋانلاشتۇرۇش رېئاكتىۋى بولۇپ، كۆپلىگەن ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ئېقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئورگانىزىمنىڭ ئىمۇنېتىت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
تېمىغا قارىتا كۆز قارىشىڭىز بولسا ئاستىدا ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى بار، كۆز قارىشىڭىزنى ئورتاقلىشىڭ!!!