سۆگەل چىقىپ قالسا سىمىز ئوتنى ئىشلىتىپ بېقىڭ، ئۈنۈمىنى كۆرۈسىز
سۆگەل بىر خىل كۆپ ئۇچرايدىغان تېرە كېسەللىكى ھېسابلىنىدۇ. كىشىلەر ئارىسىدا بەدەنگە بەك كۆپ سۆگەل چىقىپ قالسا پەقەت «ئانا سۆگەل»نى ئېلىپ تاشلىغاندا قالغانلىرى ئۆزلىكىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ دەيدىغان گەپ بار. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل قاراش توغرا ئەمەس. سۆگەلنى داۋالاش ئۇسۇلى توغرا بولمىسا نەتىجىسى ئەكىسچە بولۇپ، يۇقۇملىنىپ قېلىپ سۆگەل تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتىشى مۇمكىن.
سۆگەل توپچىسىمان ۋېرۇسىدىن يۇقۇملىنىش بولۇپ، يەنە ئۇچلۇق سۆگەل دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تېببىي ئىلىمدە غەيرىي سۆگەل دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئەمچەك توپچىسىمان ۋېرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. سۆگەك بەدەننىڭ خالىغان يېرىگە چىقىشى مۇمكىن. كۆپرەك قول بارماقلىرى، قول ئالقىنى، پۇت قاتارلىق جايلارغا چىقىپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆپ كۆرۈلىدۇ. ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلاردا جىقراق كۆرۈلىدۇ. ئېگىزلىكى بىر سانتىمېتىردىن ئاشمايدۇ، چوڭلۇقى تىرىقنىڭ چوڭلۇقىدا بولىدۇ، بەزىدە ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك بولىدۇ. ئادەتتە كۆپرەك قولنىڭ سىرتتىن يارىلىنىش، قولنى سۇغا چىلاپ تۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللار تۈپەيلى سۆگەل چىقىپ قالىدۇ.
سۆگەل ئەكەك، چىشى دەپ ئايرىلمايدۇ. بەزىلىرى يۇقىدۇ، بەزىلىرى يۇقمايدۇ. سۆگەلنىڭ چىقىپ قىلىشى ئىلگىرى –كېيىن دەپ ئايرىلىدۇ، ئەكەك-چىشى دەپ ئايرىلمايدۇ. بىر سۆگەلنى لازېر نۇر، توڭلىتىش ياكى كېسىپ ئېلىۋېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن سۆگەلنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن قالغانلىرى ئۆزلىكىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، بىر سۆگەلنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن تېرىنىڭ زەخمىلەنگەن توقۇلمىلىرىدا ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرى پەيدا بولۇپ، شۇنىڭغا ماش ھالدا قارشى تۇرغۇچى ماددىلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن باشقا سۆگەللەرمۇ ئۆزلىكىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ« ئانا سۆگەل»نى ئېلىۋەتكەنلىكتىن ئەمەس.
داۋالاش ئۇسۇللىرى:
سىرتتىن مەلھەم دورىلارنى ئىشلىتىش: ئادەتتە شۇ سۆگەلنىڭ ئورنىغىلا مۇناسىۋەتلىك دورىنى سۈركەپ، شۇنىڭغا ماس ھالدا دورا ئىستېمال قىلىش
لازېر نۇر ئىشلىتىش: ئەگەر دورىنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولمىسا لازىر نۇر ئىشلىتىش ئۇسۇلى ياكى توڭلىتىش ئۇسۇلى قاتارلىق ئاماللار بىلەن داۋالاشقا بولىدۇ.
جۇڭيى تېبابەت دورىلىرىنى ئىستېمال قىلىش: ئادەتتە ئىسسىقنى ياندۇرۇپ زەھەرنى قايتۇرىدىغان دورىلارنى ئىستېمالچىلارنىڭ قىلغاندا قاننى جانلاندۇرۇپ قۇۋۋەتلەپ، توقۇلمىلارنى يۇمشىتىپ داۋالاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ. بۇ ئىستېمال قىلغان جۇڭيى تېبابەت دورىلىرىنى قاينىتىپ سۆگەل چىقىپ قالغان ئورۇننى يۇيۇپ، چىلاپ بەرگەندى ئوخشاشلا داۋالاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.
ئىسسىقلىقنى تارقىتىپ زەھەرنى قايتۇرۇپ يەلنى ھەيدەش ئۇسۇلى
سېمىز ئوت بىرىكمە دورىسى
سۆگەل چىققىلى بەك ئۇزۇن بولمىغان كىشى بۇ رېتسېپنى سىناپ باقسا بولىدۇ.
سېمىز ئوت 60 گرام، ئوسما يوپۇرمىقى 15 گرام، ئەڭلىك ئوت 10 گرام، چار ئوت 10 گرام.
سۇدا قاينىتىپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. كۈندە بىر قېتىم ئىستېمال قىلىنىدۇ.
سۆگەل چىققىلى ئۇزۇن بولغان كىشىلەر قاننى قۇۋۋەتلەپ زەھەرنى ھەيدەشنى، قاننىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ داۋالىشى كېرەك. سۆگەلنى داۋالاشقا ئىشلىتىدىغان دورىلىق شورپىنىڭ تەييارلاش ئۇسۇلى: پىششىق ئەگرىسۇناي 15 گرام، قورۇلغان ئاق چوغلۇق، قىزىل چوغلۇق، شاپتۇل مېغىزى، كالا تېزى، ئېۋگوممىيە قوۋزىقى، قىزىل پۇرچاق، قورۇلغان بايناق، تاغتېشەر قاتارلىقلاردىن ھەر بىر خىلىدىن 12گرام، خام كوئس ئوتىدىن 30 گرام. سۇدا قاينىتىپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. كۈندە بىر قېتىمدىن.
تېمىغا قارىتا كۆز قارىشىڭىز بولسا ئاستىدا ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى بار، كۆز قارىشىڭىزنى ئورتاقلىشىڭ!!!