• مەزى بېزى كاپسولى
  • تەمرەتكە
  • بۆرەك قۇۋۋەتلەش
  • ساغلاملىق مەھسۇلاتلار
  • دىئابېت كېسىلى
  • يۈرەك، مېڭە، قان-تومۇر كېسەللىكلىرى
  • ئەرلەر كېسەللىكلىرى
  • ئاياللار كېسەللىكلىرى
  • بالىلار كېسەللىكلىرى
  • ئەيدىز كېسەللىكلىرى
  • ۋىتامىننىڭ رولى
  • مېۋە-چىۋىنىڭ شىپالىق رولى
  • گۆش، كۆكتات، ئىچىملىك، ماي
  • ئۇيغۇر تىبابەت خام دورىلىرى
  • ئۇيغۇر تىبابەت پىششىق دورىلىرى
  • ھامىلدارلار ۋە بوۋاقلار
  • ھەرخىل ئىسسىقلىق مايلار
  • سۆڭەك كېسەللىكلىرى
  • ئۆپكە-نەپەس يولى كېسەللىكلىرى
  • ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى
  • بۆرەك كېسەللىكلىرى
  • تېرە كېسەللىكلىرى-چاچ چۈشۈش
  • سۇ بىلەن كېسەل داۋالاش
  • جىگەر كېسەللىكلىرى
  • قەۋزىيەت-گېمروي كېسەللىكلىرى
  • ئۆت كېسەللىكلىرى
  • تال كېسەللىكلىرى
  • بۇرۇن كېسەللىكلىرى
  • قۇلاق كېسەللىكلىرى
  • بىلىۋېلىڭ
  • كۆز كېسەللىكلىرى
  • ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى
  • رېتسىپلار
  • جىنسىي ساۋاتلار
  • ئىككىلىك كود
  • مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
  • · ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ قالغاندا بۇ نورمالسىزلىقلار كۆرۈلىشى مۇمكىن
  • · ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان سەككىز خىل كېسەللىك
  • · بۇ تۆت بىلىم سىزنى ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرۇۋېلىشتىن ساقلايدۇ
  • · ئەرلەر ئەيدىز ۋىروسىدىن يۇقۇملانغان دەسلەپكى مەزگىلدە قانداق ئالامەتلەر بولىدۇ؟
  • · قانداق قىلغاندا ئەيدىز ۋىروسىغا قارشى دورىنى توغرا يىگىلى بولىدۇ؟
  • · ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى جىنسىي تۇرمۇشتىن قانداق بىخەتەر بەھرىمەن بولىدۇ؟
  • · ئەيدىز ۋىروسىغا قارشى داۋالانغاندا ھەقسىز، ھەقلىق ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا سېتىۋالىدىغان دورىنى قانداق تاللاش كېرەك
  • · ئىككى سائەت ئىچىدە ئەيدىز ۋىروسى يۇقۇمنى جىددىي ئۈزىۋېتىشنى ئىشىك ئالدىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش پۈتۈن مەملىكەتكە ئوموملاششتۇرىلىدۇ
  • · ئەيدىز توغرىسىدىكى بۇ سەككىز خىل خاتا قاراشنى بىلىۋېلىڭ
  • · ئەيدىز كېسىلىنىڭ يېڭى دورىسى بۇ يىل جۇڭگودا بازارغا سېلىنىشى مۇمكىن
  • · ئايدا بىر قېتىملا ئۇكۇل قىلىنىدىغان ئەيدىز دورىسىنىڭ سىناق نەتىجىسى كىشىنى رازى قىلىدۇ
  • · ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ دورا ناچار تەسىرى ھەمدە يېمەكلىك تەڭشىشى
  • · ئەر ئايال ئىككىسىلا ئەيدىز يۇقۇمدارى بولسا بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلەتمىسىمۇ بولامدۇ؟
  • · 90% دىن يۇقىرى داۋالاشنى قۇبۇل قىلىۋاتقان ئەيدىز بىمارلىرى بىخەتەر ھېسابلىنىدۇ
  • · ڧىرانسىيە ئالىمى HIV بىلەن يۇقۇملانغا ھۈجەيرىنى ئوڭۇشلۇق يوقاتتى
  • · بىر قىسىم ئالامەتلەرگە قاراپلا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلىقىغا ھۆكۈم قىلسا بولمايدۇ
  • · ئەيدىز ۋىروسىنى يوقىتىشتا ئۈمۈد تۇغۇلدى
  • · سىز سەل قارىغان ئالامەتلەر ئەيدىزنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن
  • · قانداق قىلغاندا ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ؟
  • · ئەيدىزنىڭ دورىسىنى ئاچ قۇرساق ئىچىش كېرەكمۇ؟
  • · جىنسىي كېسەل—سىڧلىس
  • · ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئانا تۇغۇتتىن كېيىن بالىسىنى ئىمىتسە بولامدۇ؟
  • · ئەيدىزگە تاقابىل تۇرۇشتىكى يېڭى دورا بازارغا سېلىندى
  • · يېڭىچە ھەم يۇشۇرۇن كۈچى زور HIV ۋاكسىنىسى كېلەر يىلى سىناق قىلىنىشقا باشلايدۇ
  • · جۇڭگودا دۇنيادىكى تۇنجى تەستىقلانغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورا بارلىققا كەلدى
  • · ئەيدىز كېسىلى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىققا باراۋەرمۇ؟
  • · ئەيدىز كېسىلىنى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟
  • · HIVدىن يۇقۇملانغانلار يەنە ساغلام بالا تۇغالامدۇ؟
  • · ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ مۆلچەر ئۆمرى قايسى ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ؟
  • · ئەرلەرگە ئەيدىز يۇقتۇرغان ئايگۈل جازالاندى
  • · نېمە ئۈچۈن ئەيدىز ۋىرۇسىنى داۋالاپ تولۇق تۈگەتكىلى بولمايدۇ؟
  • · HIV بىلەن سىفلىس بىرلەشسە قانداق قىلىش كېرەك؟
  • · يوشۇرۇن مەزگىلدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى تەن ئىچىدە نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟
  • · ئەيدىز كېسىلىدە دائىم كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەر
  • · HIV يۇقۇمدارلىرى توي قىلسا بولامدۇ؟
  • · ئەيدىز ۋىرۇسى چوڭ مېڭىدە يوشۇرۇن مەۋجۇت بولۇپ بەدەنگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلىدۇ
  • · نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە ئەيدىز ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرىدىغان دورىلاردىن قايسىلار بار؟
  • · يېڭىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلار قانداق قىلىشى كېرەك؟
  • · ئەيدىز بىمارلىرى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش قىلمىغاندا يەنە قانچىلىك ياشىيالايدۇ؟
  • · ئەر ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان، ئايال يۇقۇملانمىغان ئەھۋالدا قانداق قىلىپ ساغلام پەرزەنتلىك بولىمىز
  • · ئەيدىز بىمارى قانچە ئۇزۇن ياشىيالايدۇ؟ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟
  • · ئەيدىز كېسىلىدە ئەسۋە قاچان پەيدا بولىدۇ؟ دەسلەپكى مەزگىلدە قىچىشامدۇ؟
  • · ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىكلەردىن زادى قايسىلار بار؟
  • · «مىكرو دورا قۇتىسى»-ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ دورا ئىچىشتىكى نىجاتكارى
  • · سىفلىس قول ئېلىشىش ئارقىلىقمۇ يۇقىدىكەن
  • · ئەيدىز كېسىلىنى ئوپېراتسىيە قىلامدۇ؟
  • · جۇڭگودا قانچىلىك ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى بار
  • · ئەيدىز قانداق يۇقىۋاتىدۇ
  • · ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئاياللاردا كۆرۈلىدىغان دەسلەپكى ئالامەتلىرى
  • · ئەيدىز ۋىرۇسى نېمە ئۈچۈن تەلۋىلەرچە يۇقىدۇ؟
  • ئەرلەرگە ئەيدىز يۇقتۇرغان ئايگۈل جازالاندى
    مەنبە: نۇر تورى تەرجىمىسى
    (ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەلۇم ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى چىقارغان ھەقىقىي ۋەقە)
    جاۋابكار ئايگۈلنىڭ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) سوراق خاتىرىسىدىكى ئىقرارى.
    2013-يىلى 4-ئاي مەزگىلىدە مەن بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغان خىزمەتدىشىم باتۇر (ئۆگەرتىلگەن ئىسىم، بۇرۇن تەكلىپلىك ئىشلىگەن خىزمەتچى ئىدى، ھازىر ئىشلىمەيدۇ) بىلەن توي قىلماقچى بولدۇق. توي خېتى ئېلىش ئۈچۈن ناھىيەلىك ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسىغا بېرىپ، تويدىن بۇرۇنقى سالامەتلىك تەكشۈرتۈشى قىلدۇردۇق. ئۇلار سۈيدۈك تەكشۈردى، قان ئېلىپ تەكشۈردى، شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئالغىلى ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسىغا باتۇر ئىككىمىز بىللە باردۇق. دوختۇر ئىككىمىزگە، سىلەر توي قىلساڭلار بولمايدۇ، خەت بەرمەيمىز دېدى. بىر ئايال دوختۇر ماڭا «قېنىڭىزنى ۋىلايەتكە ئەۋەتىپ تەكشۈرتىمىز، قېنىڭىزدىن چاتاق چىقتى، مەسىلە بار» دېدى. ئاندىن بىر جەدۋەلگە ئىمزا قويدۇم، شۇنىڭ بىلەن توي خېتى ئالالماي چىقىپ كەتتۇق. بىرەر ئايدىن كېيىن ئىدارىدە ئىشلەۋاتقان ۋاقتىمدا بىر ئايال كىشى تېلېفون قىلىپ ئۆزىنىڭ دوختۇر ئىكەنلىكىنى، دوختۇرخانىغا بىر كېلىپ كېتىشىمنى ئېيتتى. مەن ماقۇل دەپ قويۇپ بارمىدىم. 2013-يىلى 4-ئاي مەزگىلىدە ئىككى ئايال دوختۇر ماڭا تېلېفون قىلىپ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىپسىز، بىز بىلەن بىر كۆرۈشۈڭ، دورا بېرىمىز، داۋالاش قىلىمىز دېگەن، مەن بارمىدىم» دەپ ئىقرار قىلىش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن كۆڭلىنى خۇش قىلىش مەقسىتىدە كۆپ قېتىم مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى، ئۆيىنىڭ ئىجارىسىنى تاپشۇرۇپ بولالمىغاندا ئەركىننىڭ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) 3000 يۈەن نەق پۇل بېرىپ ئۆي ئىجارىسى تاپشۇرۇشقا ياردەم قىلغانلىقى قاتارلىقلارنى ئىقرار قىلغان.
    گۇۋاھچىلارنىڭ بايانىدا:
    زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئۆتكۈر (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) مۇنداق دېگەن: «مەن ئايگۈل بىلەن مۇناسىۋەتتە بولۇپ ئارىلىشىپ يۈرگەن چاغلاردا ئايگۈلنىڭ پۇل سورىشى ۋە ئۆزەمنىڭ ئىختىيارلىقى بىلەن ئۇنىڭغا 2000-3000 يۈەندەك نەق پۇل بەرگەندىن باشقا نەرسىلەرنى بېرىپ باقمىدىم.»
    زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەركىن (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) مۇنداق دېگەن: «2016-يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرى 5-ئاينىڭ باشلىرىدا ئايگۈل ماڭا، ئۆينىڭ ئىجارىسى ياكى دۇكان ئىجارىسىنى تۆلىيەلمىدىم، 5000 يۈەن ياردەم قىلسىڭىز دېگەن، مەن ئۇنىڭغا يېنىمدا جىق پۇل يوق دەپ 3000 يۈەن بەرگەن. ئايگۈل بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانمىغان ئىدىم، ئايگۈلمۇ گاندون ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلمىغان.»
    زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى قەھرىمان (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) مۇنداق دېگەن: «مەن ئايگۈل بىلەن ناھىيە بازىرىدىكى مېھمانخانىدا بىرگە بولۇپ، ئەتىسى ياتاقنى قايتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن مېھمانخانا ماڭا قايتۇرۇپ بەرگەن 150 يۈەن پۇلنى ئايگۈلگە بەرگەن ئىدىم. ئايگۈل بىلەن ياتاقتا مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە گاندون ئىشلەتمىگەن ھەم ئايگۈلمۇ گاندون ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلمىغان. ئۆيىدە بىللە بولغاندا ئايگۈل بويۇمدا قالمىسۇن، گاندون ئىشلىتىڭ دېگەچكە ئىشلەتكەن ئىدىم.»
    گۇۋاھچىلاردىن ئالىم، ئادىل، قاۋۇل، ئەلشات (ھەممىسى ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) قاتارلىقلارنىڭ بايانىدا: ئۇلار جاۋابكار ئايگۈل بىلەن بىرگە بولغاندا بەزىدە گاندون ئىشلەتكەنلىكى، بەزىدە ئىشلەتمىگەنلىكى، پۇل بەرمىگەنلىكى، ئايگۈلنىڭ بويۇمدا قالمىسۇن دېگەنلىكى، لېكىن ئۆزىنىڭ ئەيدىز كېسىلى بارلىقىنى دەپ باقمىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
    جاۋابكار ئايگۈلگە 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ناھىيەلىك ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسى تونۇشتۇرۇش مۇلازىمەت كارتىسى چىقىرىپ بەرگەن بولۇپ، ئايگۈلنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقى، شۇڭا داۋالىنىش مۇلازىمەت كارتىسى بېجىرىپ بېرىلگەنلىكى، ئايگۈلنىڭ ئىمزا قويغانلىقى، 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 14–كۈنى ۋىلايەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش مەركىزى تەرىپىدىن ئايگۈلنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بېكىتىلگەنلىكى، ناھىيەلىك ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ئايگۈلنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈپ، تېلېفون ئارقىلىق كېسەللىك ئەھۋالىنى ئايگۈلگە بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئايگۈل ئۆزىنىڭ بۇ كېسىلىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىزچىل ھالدا مەزكۇر ئورۇننىڭ تەربىيەلەش، داۋالىشىغا ماسلاشمىغانلىقى، مۇناسىۋەتلىك تىببى خادىملار ئەينى ۋاقىتتىلا ئايگۈلگە ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئۇقتۇرغان بولغاچقا، ئايگۈلنىڭ ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىق كېسەللىك ئەھۋالىنى بىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ.
    جاۋابكار ئايگۈل ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، خىزمەت جەريانىدا زىيانلانغۇچى ئۆتكۈر بىلەن تۇنۇشقاندىن كېيىن 2014-يىلى 5-ئايدىن 10-ئايغىچە ناھىيە بازىرى ئىچىدىكى بىر نەچچە مېھمانخانىدا ۋە ئولتۇراق رايوندىكى ئاچىسىنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈر بىلەن كۆپ قېتىم مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن. بۇ جەرياندا ئۆتكۈر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئايگۈلگە 2000-3000 يۈەن ئەتراپىدا نەق پۇل بەرگەن.
    ئايگۈل 2016-يىلى 5-ئاينىڭ باشلىرىدا زىيانلانغۇچى ئەركىن بىلەن ناھىيە بازىرى ئىچىدىكى يېمەك-ئىچمەك شەھەرچىسىدە تاماق يېگەچ تونۇشقاندىن كېيىن ناھىيە بازىرى ئىچىدىكى مېھمانخانىغا بېرىپ، ئۆي ئىجارىسى تاپشۇرۇش باھانىسى بىلەن ئەركىندىن 3000 يۈەن پۇل ئېلىپ، ئاندىن ئەركىن بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن. شۇنداقلا ئەتىسى ياتاقنى ئايگۈل ئۆزى قايتۇرۇپ ياتاقنىڭ زاكالەت پۇلىنى ئېلىپ قالغان.
    ئايگۈل 2016-يىلى 8-ئايلاردا ئولتۇراق رايونغا خىزمەتكە چىقىش جەريانىدا زىيانلانغۇچى قەھرىمان بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ، ناھىيە بازىرىدىكى مېھمانخانىغا بېرىپ مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن، ياتاقنىڭ 150 يۈەن زاكالەت پۇلىنى ئايگۈل ئېلىپ قالغان.
    ئايگۈل 2017-يىلى 7-ئايلاردا زىيانلانغۇچى ئەزىمەت بىلەن تاماق يېيىش جەريانىدا تونۇشقاندىن كېيىن ناھىيە بازىرىدىكى مېھمانخانىغا كىرىپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن، ياتاقنىڭ زاكالەت پۇلىنى ئايگۈل ئېلىپ خەجلەپ تۈگەتكەن.
    دېمەك، ئايگۈل ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلە يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىنمۇ، 2014-يىلى 4-ئايدىن 2017-يىلى 8-ئايغىچە ئۆزى تۇرۇشلۇق ناھىيە بازىرىدىكى مېھمانخانىلار ۋە ئۆزىنىڭ ئۆيىدە كۆپ كىشىلەر بىلەن ئىزچىل مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئېنىقلىنىپ دېلو پاش قىلىنغان.
    ئايگۈل مانا مۇشۇنداق جىنسىي كېسەل (ئەيدىز جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇپ تارقىلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەل) تارقىتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىنىپ، ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنغان. ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئايگۈلنى جىنسىي كېسەل تارقىتىش جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ شىكايەت قىلىپ، 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى سوت مەھكىمىسىگە ئەيىبلىگەن.
    سوتتا ئادۋوكات ئايگۈلنى مۇنداق ئاقلىغان: 2013-يىلى ئايگۈل توي خېتى ئالماقچى بولغاندا ناھىيەلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسى توي خېتى تارقىتىش ئورنى سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەركىزىدە سالامەتلىك تەكشۈرگەن، ناھىيەلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىدىنمۇ ئايگۈلگە مەزكۇر ئورۇنغا كېلىشنى دېگەن، ئەمما ئايگۈل خىزمەت ئالدىراشلىقىدىن بارالمىغان بولغاچقا، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تاپشۇرۇپ ئالمىغان. ئايگۈلنى ئىپپەت-نومۇسىنى ساتقان دەپ بېكىتىش مۇۋاپىق ئەمەس، ئايگۈل دۆلەت خىزمەتچىسى بولۇپ مۇقىم كىرىمگە ئىگە، كۆپ كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىپپىتىنى سېتىپ پۇل-مال تېپىشنى مەقسەت قىلمىغان، پەقەت فىزىئولوگىيەلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش مەقسىتىدە زىنا قىلغان، پۇل-مال ئالمىغان. زىيانلانغۇچى ئەركىن جاۋابكار ئايگۈلگە 3000 يۈەن پۇلنى ياردەم قىلىش مەقسىتىدە بەرگەن، بۇنى ئىپپىتىنى سېتىپ ئېرىشكەن دېيىش مۇۋاپىق ئەمەس.
    جاۋابكار ئايگۈل سوت مەھكىمىسىدە «جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن ئەيدىز كېسىلىگە قارشى تۇرىدىغان ۋە ئۇنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان پىدائىي بولۇپ تۆھپە قوشسام، مەن خاتا قىپتىمەن، خاتالىقىمنى تۈزەتسەم، سوتنىڭ كەڭچىلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دەپ ئۆزىنى ئاقلىدى.
    سوت مەھكىمىسى مۇنداق قارىدى: جاۋابكار ئايگۈلنىڭ ئۆزىنىڭ ئەيدىز كېسىلىدىن ئىبارەت ئېغىر جىنسىي كېسىلى بارلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، قەستەن كۆپ كىشىلەر بىلەن كۆپ قېتىم مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ ئۇلارنىڭ پۇلىنى ئېلىپ ئىپپەت-نومۇسىنى ساتقان قىلمىشىدىن جىنسىي كېسەل تارقىتىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جاۋابكارغا قانۇن بويىچە جازا بېرىش لازىم. ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلەشنامىسىدە پاكىتلارنىڭ بايان قىلىنىشى، دېلو خاراكتېرىنىڭ بېكىتىلىشى ۋە قانۇن ماددىلىرىنىڭ تەدبىقلىنىشى توغرا بولغان، مەھكىمىمىز قوللايدۇ. جاۋابكار ئايگۈلنىڭ ئادۋوكاتىنىڭ، ئايگۈل ئىپپىتىنى سېتىپ پۇل-مال تېپىشنى مەقسەت قىلمىغان، پەقەت فىزىئولوگىيەلىك جىنسىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش مەقسىتىدە زىنا قىلغان، پۇل-مال ئالمىغان، دېگەن ئاقلاش سۆزىنىڭ پاكىت ۋە قانۇنى ئاساسى يوق، مەھكىمىمىز قوبۇل قىلمايدۇ.
    سوتتا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان پاكىتلار ۋە بۇ پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دېلودىكى ئالاقىدار دەلىل-ئىسپاتلار جاۋابكارنىڭ جىنايى قىلمىشىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار جىنسىي كېسەل تارقىتىش جىنايىتىنىڭ ئوبيېكتىپ، سۇبيېكتىپ شەرتلىرىنى ھازىرلىغان. جاۋابكارغا ئەينى ۋاقىتتا جىنسىي كېسىلى (ئەيدىز كېسىلى) توغرىلىق تېلېفوندا ئۇقتۇرۇش قىلىنغان، بىراق جاۋابكار ئۇقتۇرۇشنى ئالغىلى بارمىغان، داۋالاش-تەربىيەلەشكىمۇ ماسلاشماي مەخسۇس داۋالاش، تەربىيەلەش ئورۇنلىرىغىمۇ بارمىغان. جىنسىي كېسەللىك تارقىلىشىنىڭ خەۋپى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، ئادەمنىڭ ساغلاملىقىنى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىپلا قالماي، كەلگۈسى ئەۋلاتلارغىمۇ خەۋپ يەتكۈزىدۇ، جەمئىيەتتىكى ئاممىنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىدۇ، ئىجتىمائىي خەۋپى ئىنتايىن ئېغىر. بۇ خىل جەمئىيەتكە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى توسۇش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بىرىش لازىم.
    جاۋابكارغا جازا ئۆلچەشتە، دېلونىڭ خاراكتېرى، جاۋابكارنىڭ جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى، قوللانغان ۋاستىسى، ئاقىۋىتى، جەمئىيەتكە ئېلىپ كەلگەن ئىجتىمائىي خەۋپى، جىنايەت قېتىم سانى، سوتتىكى جىنايىتىنى تونۇپ تۆۋە قىلىش ئىپادىسى قاتارلىق تەرەپلەرنى بىرلەشتۈرۈپ قانۇن بويىچە جازا بىرىش لازىم.
    سوت مەھكىمىسى جەمئىيەت ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە شەخىسلەرنىڭ تەن ساغلاملىق ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، جاۋابكارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 360-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە بىنائەن تۆۋەندىكىچە جازا ھۆكۈم قىلىدۇ:
    جاۋابكار ئايگۈلگە جىنسىي كېسەل تارقىتىش جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك 4 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى. قوشۇمچە 6000 يۈەن جەرىمانە قويۇلدى. جازا مۇددىتى ھۆكۈم ئىجرا قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ھىسابلىنىدۇ. ئىلگىرى قامالغان بىر كۈن جازا مۇددىتىنىڭ بىر كۈنىگە سۇندۇرۇپ ھىسابلىنىدۇ.
    2018-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى
    يېزىپ چىققۇچىدىن تولۇقلىما:
    «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 360-ماددىسىدا: [جىنسىي كېسەل تارقىتىش جىنايىتىگە قارىتا] «ئۆزىنىڭ سىفلىس، سۆزنەك قاتارلىق ئېغىر جىنسىي كېسىلى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئىپپەت-نومۇسىنى ساتقان، پاھىشىۋازلىق قىلغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىمغا ئېلىش جازاسى، جەرىمانە قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
    يەنە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئېلان قىلغان ئەدلىيەلىك ئىزاھاتتا، قەستەنلىك بىلەن ئەيدىز يۇقتۇرۇش قىلمىشىغا قانۇننى ئاساس قىلىپ جازا بېرىش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
    2017-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى «نومۇسىنى سېتىشقا تەشكىللەش، مەجبۇرلاش، ئازدۇرۇش، سولاپ بېرىش، تونۇشتۇرۇش جىنايى ئىشلار دېلوسىنى بېجىرىشتە تەدبىقلىنىدىغان قانۇنلارغا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى» نى ئېلان قىلدى، (تۆۋەندە قىسقىچە «ئەدلىيەلىك ئىزاھات» دېيىلىدۇ). 2017-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
    «ئەدلىيەلىك ئىزاھات»تا، ئۆزىنىڭ ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلپ تۇرۇپ نومۇسىنى سېتىش، پاھىشىۋازلىق قىلىشنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقاردى.
    «ئەدلىيەلىك ئىزاھات»تا، ئۆزىنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ياكى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، نومۇسىنى سېتىش، پاھىشىۋازلىق قىلىش جىنسىي كېسەل تارقىتىش جىنايىتى قىلىپ بېكىتىلىدۇ، ئېغىر جازا بېرىلىدۇ دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ نومۇسىنى ساتقان، پاھىشىۋازلىق قىلغان ياكى ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ قەستەنلىك بىلەن ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى قوللانماي باشقىلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇپ، ئۇلارنى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندۇرغانلارغا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 95-ماددىسى 3-تارمىقى بويىچە، «باشقىلارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزۈش»، «ئېغىر زەخمە» پەيدا قىلىش دەپ كۆرسىتىلىپ، قەستەنلىك بىلەن زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتى دەپ بېكىتىلىپ جازا بېرىلىدۇ. بۇ ئەدلىيەلىك ئىزاھاتنىڭ چىقىرىلىشى، نومۇسىنى سېتىش، پاھىشىۋازلىق قىلىش ئارقىلىق قەستەن ئەيدىز كېسىلىنى تارقىتىش ھەم ئۆزىنىڭ جىسمىنىڭ يۇقۇملانغانلىق ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئوبيېكتىپ ياكى سۇبيېكتىپ قەستەنلىكتە باشقىلار بىلەن خەتەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇشنىڭ ئەيدىز كېسىلىنى تارقىتىش قىلمىشىنى جازالاشتىكى تېخىمۇ يېتەرلىك قانۇن ئاساسى بىلەن تەمىنلىدى.
    دېمەك، ئەيدىز خالىغانچە يۇقتۇرۇپ يۈرۈيدىغان ياكى يۇقتۇرىۋالىدىغان كىچىك بالىلارنىڭ ئۆز-ئارا ئوينىىشىپ چاچرىتىۋېتىدىغان لاي-پاتقىقى ئەمەس. يەنى، باشقىلارغا خالىغانچە ئەيدىز يۇقتۇرۇپ زىيانكەشلىك قىلىش دۆلەت قانۇنىنىڭ سىرتىدىكى قانۇن كارى بولمايدىغان قىلمىش ئەمەس. جەمئىيەتتىكى ھەرقانداق ئادەمنىڭ بىخەتەرلىكى قانۇننىڭ ئادىللىقى ئارقىلىق قوغدىلىدۇ. بىلىپ تۇرۇپ باشقىلارغا يۇقۇملۇق كېسەل ئەيدىز يۇقتۇرسا، دەۋا قىلىش ۋە ئەيىبلەش ئارقىلىق ئۇنىڭغا قانداق جازا بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا دۆلەتنىڭ ئېنىق قانۇن ماددىسى بار. كىشىلەرنىڭ جىنسىي ئەركىنلىكى قەستەنلىك بىلەن ئەيدىز يۇقتۇرسا بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس.
    مەزكۇر دېلودىكى ئايگۈل يۇقۇملانغانلىقى مەلۇم بولغاندىن كېيىن ۋاقتىنچە توي خېتى ئالالماي قالغان بولۇپ، (بۇنىڭدىن، توي قىلماقچى بولغان ئەر-ئاياللارىن بىرسى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بولسا، توي قىلغاندىن كېيىن جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا قوغدىنىش تەدبىرى قوللىنىلمىغان ئەھۋالدا قارشى تەرەپكە يۇقتۇرۇپ قويىدىغانلىقى، شۇڭا ھۆكۈمەتنىڭ، جەمئىيەتنىڭ بۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىشىگە يول قويمايدىغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ) ئايگۈل ۋاقتىنچە توي خېتى ئالالمىسىمۇ، ئەمما جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق باشقا ئەرلەرگە يۇقتۇرسا ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش توي قىلىشى ياكى ئائىلىسى بولسا خەۋپ يېتىدىغانلىقىنى ئويلىيالمايدىغان ھالەتتىمۇ ئەمەس. بولۇپمۇ، ئايگۈل ئۆزىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، نامى يامان ئەيدىز كېسىلىنى بىر تەرەپلىمىلەرچە چۈشىنىدىغان چالا ئەيدىز بىلىملىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەربىيەلەش، داۋالىشىغا ماسلاشمىغان بولۇپ، ئەگەر ئايگۈل ئەيدىز كېسىلىنى توغرا چۈشىنىدىغان ياكى ھېچقانداق چۈشەنچىسى يوق ھالەتتە بولغان بولسا، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەربىيەلەش-داۋالىشىغا ماسلاشقان بولاتتى. يەنى، ئايگۈل ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇملۇق ھەم خەتەرلىك، شۇنداقلا باشقىلار يۇقۇملىنىپ قېلىشتىن قاچىدىغان قورقۇنۇچلۇق كېسەل ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان بولسا ئۆزى بىلەن بىللە بولغان ئەرلەرگە ئېيتقانمۇ بولاتتى. دېمەك، ئايگۈلنىڭ تەربىيەلەش-داۋالاشقا ماسلاشماسلىقى بىلەن ئۆزىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى يوشۇرۇشى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل ساقايمايۋاتقان ھەم جەمئىيەتتە بىر تەرەپلىمە ھالدا كەمسىتىلىۋاتقان كېسەللىك ئىكەنلىكىنى بىلمەي قالمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. ئۆزى مانا مۇشۇنداق چۈشىنىدىغان ئەيدىز كېسىلىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى يوشۇرغىنىچە باشقىلار بىلەن ئەخلاقسىزلارچە جىنسىي ئالاقىدە بولۇشىدىن، ئۇنىڭ بۇنداق يامان نىيەتلىك قىلمىشىغا قانۇنىي جازا بېرىشكە تېگىشلىك ئىكەنلىكى مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ.
    جەمئىيەتتە مانا مۇشۇنداق بىلىپ تۇرۇپ ئەيدىز يۇقتۇرىۋاتقانلاردىن ھەم زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئەيدىزدىن يۇقۇملاندۇۇۋاتقانلاردىن يەنە قانچىلىكى بار بىزگە نامەلۇم. باشقىلار قەستەنلىك بىلەن يۇقۇملاندۇرۇلغاندىن كېيىن قانۇنغا تايىنىپ ئەرز قىلىپ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداۋاتامدۇ، ئۆزلىرىگە ئەيدىز يۇقتۇرغۇچىلارنى قانۇنىي جازاغا ئۇچرىتىشقا كۈچ چىقىرىۋاتامدۇ، بۇ ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە. چۈنكى، بىلىپ تۇرۇپ ئەيدىز يۇقتۇرغۇچىلارغا قانۇنىي جازا بېرىشنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا زور تەسىرى بولىدۇ. شۇڭا، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارمۇ قانۇننى ئۆگىنىشى، ئەيدىزدىن يۇقۇملاندۇرۇلغۇچىلارمۇ قانۇننى ئۆگىنىشى كېرەك. ھەممەيلەن قانۇنغا ھۆرمەت قىلىشى ھەم قانۇن ئارقىلىق ھوقۇق-مەنپەتىنى قوغداشنى بىلىشى كېرەك.
    شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر سوتسىيالىزىم ئىدىيەسىنىڭ يىتەكچىلىكىدە قانۇن ئارقىلىق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات-تەربىيەسى جەھەتتە يېڭى دەۋر دەۋرگە يۈزلىنىشىمىز كېرەك.
    تېمىغا قارىتا كۆز قارىشىڭىز بولسا ئاستىدا ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى بار، كۆز قارىشىڭىزنى ئورتاقلىشىڭ!!!
    ئەڭ يېڭى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى
  • ماكا بۆرەك قۇۋۋەتلەش تابلىتى
    ماكا بۆرەك قۇۋۋەتلەش تابلىتى
  • ئەرلەر قۇۋۋەت ئاقسىلى
    ئەرلەر قۇۋۋەت ئاقسىلى
  • ماكا ئاقسىل تالقىنى
    ماكا ئاقسىل تالقىنى
  • ھەبىبى مۇمسىك
    ھەبىبى مۇمسىك
  • ئەيدىز تەكشۈرۈش قەغىزى
    ئەيدىز تەكشۈرۈش قەغىزى
  • ئاياللار تۇخۇمدان ياشارتىش گۆھىرى
    ئاياللار تۇخۇمدان ياشارتىش گۆھىرى
  • گۈلخانىش ئالاھىدە تارايتىش گۆھىرى
    گۈلخانىش ئالاھىدە تارايتىش گۆھىرى
  • خانىم-قىزلار قان قۇۋۋەت جەۋھىرى
    خانىم-قىزلار قان قۇۋۋەت جەۋھىرى
  • ئاياللار ياللۇغ قايتۇرۇش مەلھىمى
    ئاياللار ياللۇغ قايتۇرۇش مەلھىمى
  • ئەۋرەت ھوردىقى
    ئەۋرەت ھوردىقى
  • قولتۇق ماي
    قولتۇق ماي
  • ئاشقازان ياخشىلاش كاپسولى
    ئاشقازان ياخشىلاش كاپسولى
  • ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلار قۇۋۋەت ئاقسىلى
    ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلار قۇۋۋەت ئاقسىلى
  • سۆڭەك ياشارتىش كاپسولى
    سۆڭەك ياشارتىش كاپسولى
  • بېلىق مېيى-قان تازىلايدۇ
    بېلىق مېيى-قان تازىلايدۇ
  • ۋاكۇملۇق تارتما لوڭقىسى
    ۋاكۇملۇق تارتما لوڭقىسى
  • ئۆزلىكىدىن قىزىيدىغان بەللىك
    ئۆزلىكىدىن قىزىيدىغان بەللىك
  • ئۆزلىكىدىن قىزىيدىغان تىزلىق
    ئۆزلىكىدىن قىزىيدىغان تىزلىق
  • توك ئارقىلىق قىزىتىپ داۋالاش ئاپىراتى
    توك ئارقىلىق قىزىتىپ داۋالاش ئاپىراتى
  • پۇت ئۇۋۇلاش-قىزىتىش ماشىنىسى
    پۇت ئۇۋۇلاش-قىزىتىش ماشىنىسى
  • ۋىتامىن C تابلىتى
    ۋىتامىن C تابلىتى
  • كالىتسىي ۋە ماگنىي تولۇقلاش تابلىتى
    كالىتسىي ۋە ماگنىي تولۇقلاش تابلىتى
  • ۋىتامىن B تابلىتى
    ۋىتامىن B تابلىتى
  • ۋىتامىن D يۇمشاق كاپسۇلى
    ۋىتامىن D يۇمشاق كاپسۇلى
  • تەبىئىي ۋىتامىن E يۇمشاق كاپسۇلى
    تەبىئىي ۋىتامىن E يۇمشاق كاپسۇلى
  • يازمىغا باھا بىرىش

    تەخەللۇس: (چوقۇم تولدۇرسىز)

    تەستىق كودى:

    تىبابەت تورى

    مەسلىھەت سورىماقچى ياكى مەھسۇلات سېتېۋالماقچى بولسىڭىز تېلفون قىلىڭ: 13109917493(ئۈرۈمچى)

    تور بىكەتنى ئەنگە ئالدۇرغان \ ئىجازەت نومۇرى: 新ICP备16000802号