دىئابېت بىمارلىرى ناشتا قىلمىسا قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىسى بولامدۇ؟
دىئابېت بىمارلىرى ناشتا قىلمىغاندا قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىسى بولمايدۇ، ئەكسىچە تۆۋەن قان شېكىرى ياكى قان شېكىرىنىڭ تەتۈر سەكرىشى خاراكتېرلىك ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ھەر ئىككىلا خىل ئەھۋال ئىنتايىن خەتەرلىك.
دىئابېت بىمارلىرى ناشتا قىلمىسا يەنە قانداق خەتەرلىك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
1. ئاسانلا قان شېكىرىنىڭ زىيادە تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېمەكلىك بەدەننى كېرەكلىك بولغان ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئەگەر ناشتا قىلمىغاندا، ئېنىرگىيە يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، شۇنىڭ بىلەن قان شېكىرىنىڭ زىيادە تۆۋەنلەپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ. دىئابېت بىمارلىرىنىڭ قان شېكىرىنىڭ ئېگىز-پەس بولۇش داۋالغۇسى يۇقىرى بولغاچ، تۆۋەن قان شېكىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى نورمال كىشىلەردىن كۆپ بولىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر تۆۋەن قان شېكىرىگە سەل قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە تۆۋەن قان شېكىرىنىڭ خەتىرى يۇقىرى قان شېكىرى بىلەن قېلىشمايدۇ، ئېغىر بولغاندا ھەتتا ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.
2. ناشتا قىلمىغاندا سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ناشتا قىلمىغان ئادەم چۈشلۈك ۋە كەچلىكنى ككپ يەپ سېلىشى مۇمكىن. ئارتۇق ئېنىرگىيە خوراپ بولالماي، بەدەندە ماي يەنى زاپاس ئېنىرگىيە بولۇپ يىغىلىپ قالىدۇ-دە، سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا بەزى كىشىلەرنىڭ ناشتا قىلماي ئورۇقلىماقچى بولغىنىمۇ ئىنتايىن قاملاشمىغان ئەھۋال.
3. ناشتا قىلمىغاندا قان شېكىرىنىڭ قالايمىقان بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ناشتىنى ۋاقتىدا قىلمىغاندا، سەھەردىكى قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، ئاندىن بەدەندىكى ھورموننىڭ قايتما ئىنكاسلىق تەڭشىشى ئارقىلىق، قان شېكىرى يەنە ئاستا-ئاستا ئۆرلەپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن چۈشلۈك ۋە كەچلىك تاماقتىن كېيىنكى قان شېكىرىنىڭمۇ يۇقىرى بولۇشىغا سەۋەب بولۇپ، بىر كۈنلۈك قان شېكىرىنىڭ بىردە يۇقىرى، بىردە تۆۋەن بولۇشتەك قالايمىقانچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ دىئابېت بىمارلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن خەتەرلىك بولغان ھادىسە.
شۇنى بىلىش كېرەككى، دىئابېت بىمارلىرىنىڭ ئوزۇقلىنىش قائىدىسى ھەرگىزمۇ ئاچ قېلىش ئەمەس. ۋاقتىدا يېيىلگەن ئوبدان تاماقنىڭ قان شېكىرىنى ياخشى تىزگىنلەشتىكى رولىمۇ ئىنتايىن مۇھىم بولغان بولىدۇ. تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ناشتا قىلىدىغان دىئابېت بىمارلىرىنىڭ قان شېكىرى ناشتا قىلمايدىغان دىئابېت بىمارلىرىنىڭ قان شېكىرىدىن نورمال بولىدۇ؛ ناشتا قىلىش ئادىتى بولغان ئادەمنىڭ دىئابېت بولۇپ قېلىش ۋە سەمىرىش نىسبىتى ناشتا قىلىش ئادىتى يوق بولغان ئادەملەردىن تۆۋەن بولىدۇ.
شۇڭا ساغلام بولۇش ئۈچۈن، مەيلى دېئابېت كېسىلى بارلار بولسۇن ياكى دىئابېت كېسىلى يوقلار بولسۇن، چوقۇم ساغلام ئوزۇقلىنىشتەك ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش لازىم.
تېمىغا قارىتا كۆز قارىشىڭىز بولسا ئاستىدا ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى بار، كۆز قارىشىڭىزنى ئورتاقلىشىڭ!!!