• مەزى بېزى كاپسولى
  • تەمرەتكە
  • بۆرەك قۇۋۋەتلەش
  • ساغلاملىق مەھسۇلاتلار
  • دىئابېت كېسىلى
  • يۈرەك، مېڭە، قان-تومۇر كېسەللىكلىرى
  • ئەرلەر كېسەللىكلىرى
  • ئاياللار كېسەللىكلىرى
  • بالىلار كېسەللىكلىرى
  • ئەيدىز كېسەللىكلىرى
  • ۋىتامىننىڭ رولى
  • مېۋە-چىۋىنىڭ شىپالىق رولى
  • گۆش، كۆكتات، ئىچىملىك، ماي
  • ئۇيغۇر تىبابەت خام دورىلىرى
  • ئۇيغۇر تىبابەت پىششىق دورىلىرى
  • ھامىلدارلار ۋە بوۋاقلار
  • ھەرخىل ئىسسىقلىق مايلار
  • سۆڭەك كېسەللىكلىرى
  • ئۆپكە-نەپەس يولى كېسەللىكلىرى
  • ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى
  • بۆرەك كېسەللىكلىرى
  • تېرە كېسەللىكلىرى-چاچ چۈشۈش
  • سۇ بىلەن كېسەل داۋالاش
  • جىگەر كېسەللىكلىرى
  • قەۋزىيەت-گېمروي كېسەللىكلىرى
  • ئۆت كېسەللىكلىرى
  • تال كېسەللىكلىرى
  • بۇرۇن كېسەللىكلىرى
  • قۇلاق كېسەللىكلىرى
  • بىلىۋېلىڭ
  • كۆز كېسەللىكلىرى
  • ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى
  • رېتسىپلار
  • جىنسىي ساۋاتلار
  • ئىككىلىك كود
  • مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
  • · ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ قالغاندا بۇ نورمالسىزلىقلار كۆرۈلىشى مۇمكىن
  • · ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان سەككىز خىل كېسەللىك
  • · بۇ تۆت بىلىم سىزنى ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرۇۋېلىشتىن ساقلايدۇ
  • · ئەرلەر ئەيدىز ۋىروسىدىن يۇقۇملانغان دەسلەپكى مەزگىلدە قانداق ئالامەتلەر بولىدۇ؟
  • · قانداق قىلغاندا ئەيدىز ۋىروسىغا قارشى دورىنى توغرا يىگىلى بولىدۇ؟
  • · ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى جىنسىي تۇرمۇشتىن قانداق بىخەتەر بەھرىمەن بولىدۇ؟
  • · ئەيدىز ۋىروسىغا قارشى داۋالانغاندا ھەقسىز، ھەقلىق ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا سېتىۋالىدىغان دورىنى قانداق تاللاش كېرەك
  • · ئىككى سائەت ئىچىدە ئەيدىز ۋىروسى يۇقۇمنى جىددىي ئۈزىۋېتىشنى ئىشىك ئالدىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش پۈتۈن مەملىكەتكە ئوموملاششتۇرىلىدۇ
  • · ئەيدىز توغرىسىدىكى بۇ سەككىز خىل خاتا قاراشنى بىلىۋېلىڭ
  • · ئەيدىز كېسىلىنىڭ يېڭى دورىسى بۇ يىل جۇڭگودا بازارغا سېلىنىشى مۇمكىن
  • · ئايدا بىر قېتىملا ئۇكۇل قىلىنىدىغان ئەيدىز دورىسىنىڭ سىناق نەتىجىسى كىشىنى رازى قىلىدۇ
  • · ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ دورا ناچار تەسىرى ھەمدە يېمەكلىك تەڭشىشى
  • · ئەر ئايال ئىككىسىلا ئەيدىز يۇقۇمدارى بولسا بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلەتمىسىمۇ بولامدۇ؟
  • · 90% دىن يۇقىرى داۋالاشنى قۇبۇل قىلىۋاتقان ئەيدىز بىمارلىرى بىخەتەر ھېسابلىنىدۇ
  • · ڧىرانسىيە ئالىمى HIV بىلەن يۇقۇملانغا ھۈجەيرىنى ئوڭۇشلۇق يوقاتتى
  • · بىر قىسىم ئالامەتلەرگە قاراپلا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلىقىغا ھۆكۈم قىلسا بولمايدۇ
  • · ئەيدىز ۋىروسىنى يوقىتىشتا ئۈمۈد تۇغۇلدى
  • · سىز سەل قارىغان ئالامەتلەر ئەيدىزنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن
  • · قانداق قىلغاندا ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ؟
  • · ئەيدىزنىڭ دورىسىنى ئاچ قۇرساق ئىچىش كېرەكمۇ؟
  • · جىنسىي كېسەل—سىڧلىس
  • · ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئانا تۇغۇتتىن كېيىن بالىسىنى ئىمىتسە بولامدۇ؟
  • · ئەيدىزگە تاقابىل تۇرۇشتىكى يېڭى دورا بازارغا سېلىندى
  • · يېڭىچە ھەم يۇشۇرۇن كۈچى زور HIV ۋاكسىنىسى كېلەر يىلى سىناق قىلىنىشقا باشلايدۇ
  • · جۇڭگودا دۇنيادىكى تۇنجى تەستىقلانغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورا بارلىققا كەلدى
  • · ئەيدىز كېسىلى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىققا باراۋەرمۇ؟
  • · ئەيدىز كېسىلىنى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟
  • · HIVدىن يۇقۇملانغانلار يەنە ساغلام بالا تۇغالامدۇ؟
  • · ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ مۆلچەر ئۆمرى قايسى ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ؟
  • · ئەرلەرگە ئەيدىز يۇقتۇرغان ئايگۈل جازالاندى
  • · نېمە ئۈچۈن ئەيدىز ۋىرۇسىنى داۋالاپ تولۇق تۈگەتكىلى بولمايدۇ؟
  • · HIV بىلەن سىفلىس بىرلەشسە قانداق قىلىش كېرەك؟
  • · يوشۇرۇن مەزگىلدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى تەن ئىچىدە نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟
  • · ئەيدىز كېسىلىدە دائىم كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەر
  • · HIV يۇقۇمدارلىرى توي قىلسا بولامدۇ؟
  • · ئەيدىز ۋىرۇسى چوڭ مېڭىدە يوشۇرۇن مەۋجۇت بولۇپ بەدەنگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلىدۇ
  • · نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە ئەيدىز ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرىدىغان دورىلاردىن قايسىلار بار؟
  • · يېڭىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلار قانداق قىلىشى كېرەك؟
  • · ئەيدىز بىمارلىرى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش قىلمىغاندا يەنە قانچىلىك ياشىيالايدۇ؟
  • · ئەر ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان، ئايال يۇقۇملانمىغان ئەھۋالدا قانداق قىلىپ ساغلام پەرزەنتلىك بولىمىز
  • · ئەيدىز بىمارى قانچە ئۇزۇن ياشىيالايدۇ؟ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟
  • · ئەيدىز كېسىلىدە ئەسۋە قاچان پەيدا بولىدۇ؟ دەسلەپكى مەزگىلدە قىچىشامدۇ؟
  • · ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىكلەردىن زادى قايسىلار بار؟
  • · «مىكرو دورا قۇتىسى»-ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ دورا ئىچىشتىكى نىجاتكارى
  • · سىفلىس قول ئېلىشىش ئارقىلىقمۇ يۇقىدىكەن
  • · ئەيدىز كېسىلىنى ئوپېراتسىيە قىلامدۇ؟
  • · جۇڭگودا قانچىلىك ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى بار
  • · ئەيدىز قانداق يۇقىۋاتىدۇ
  • · ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئاياللاردا كۆرۈلىدىغان دەسلەپكى ئالامەتلىرى
  • · ئەيدىز ۋىرۇسى نېمە ئۈچۈن تەلۋىلەرچە يۇقىدۇ؟
  • ئەيدىز قانداق يۇقىۋاتىدۇ
    مەنبە: بىلىمەن ساغلاملىق تورى
    ئىنساننى ئوراپ تۇرغان ھاۋاسى تونۇرنىڭ تەپتىگە ئوخشايدىغان، دەسسەپ تۇرغان زىمىن يەر شارىنىڭ ئىچىدىكى ئايرىم ئوت شارىغا ئوخشايدىغان، كۆكتىن قارىسا چېكى كۆرۈنمەيدىغان باياۋاننىڭ ئېدىقۇت باغرىدىكى ئارامگاھتەك بوستانلىقلىرى بولۇپ كۆرۈنىدىغان، گىيا ئۈنمەيدىغان قان رەڭلىك تاغلىرى ئەتراپىدا بۈك-باراقسانلىق زىچ مەھەللىلەر شەكىللەنگەن بۇ يۇرتنىڭ يىپەك يولى مەدەنىيەت تارىخىمۇ داڭلىق، شۇنداق بولغاچقا ھازىر جاھاننىڭ جاي-جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بازىرىمۇ ئاۋات. شۇنداقلا، بۇ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە يۇرت بولغاچقا، شەھەرلەشكەن ھەم شەھەرنى چۆرىدەپ مەھەللە شەكىللەندۈرۈپ ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلىرىمۇ ئاز ئەمەس. ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك مۇھىت بۇ يۇرت كىشىلىرىنى جاھاندارچىلىق ئۈچۈن ۋۇجۇدىنى تىرىشچانلىق خارەكتېرى بىلەن تاۋلاپ چىققان. تۇپرىقى باغرىدىن شۈمۈرۈپ چىققان شىرنىلىرىنى ئوزۇق قىلغان ئۈزۈم، قوغۇن، چىلانلىرى بىلەن ئائىلە ئىقتىسادى يامان ئەمەس ھالغا يەتكەن دېھقانلىرى باشقا بەزى يۇرت دېھقانلىرىدىن پەرىقلىنىپمۇ تۇرىدۇ.
    ئەقىللىق ئوقۇرمەنلەر بۇ يۇرتنىڭ تۇرپان ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولدى. ئەتراپتىكى يۇرتلاردا ھاۋا سوۋۇپ قالغاندا تۇرپان ئۇلارنىڭ سەيلىگاھىغا ئايلىنىدۇ، شۇنداقلا تۇرپانمۇ تۇنۇرنىڭ ئىچىدەك قىزىپ كەتكەندە تۇرپانلىقلار ئەتراپتىكى يۇرتلارغا سالقىنلىققا تەشنا بولۇپ يۈگرەيدۇ. رىماتىزىم كېسىلى بارلاردىن قۇمغا كۆمۈلگىلى كېلىدىغانلارمۇ، باش ئەتىيازدا تەك ئېچىپ ھەم كۈزلۈكى ئۈزۈم ئۈزۈپ ئازراق پۇل تېپىۋالاي دەيدىغانلارمۇ، قىشلىقى سوغۇق يۇرتلاردىن قېچىپ جان باقاي دەيدىغانلارمۇ ئىختىيارسىز تۇرپانغا كېلىپ قالىدۇ. تۇرپاننىڭ يېزا-بازارلىرىدىكى پۇل تاپقانلار، پۇل تاپماقچى بولۇپ شەھەر-بازارغا يۈزلەنگەنلەر، يېزىدىن شەھەرنى تاللاپ جان باقماقچى بولغانلار، ئۆيلىرى چېقىلىپ يەرلىرى ئېلىنىپ ئىختىيارسىز شەھەرلىككە ئايلاندۇرۇلغانلار، شۇنداقلا ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئالى مەكتەپكە ئۆتۈپ بولالماي يېزىدا تۇرغۇسى كەلمەي شەھەردە يول تاپالمايۋاتقان ياشلار دېگەندەك، ئادىمى ھېس-تۇيغۇلىرى ھەر خىل يېتەكلىنىپ، ئاكتىپ ھەم پاسسىپ تەسىرگە ئۇچراپ يۈرىۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا ۋۇجۇدى ئىسسىقتا تاۋلىنىپ پىشىۋاتقانلار ھەم قەلبى ئىسسىقتا قاغجىراپ قېلىۋاتقانلار ھەر خىل تەغدىرنى ياراتماقتا ھەم ھەر خىل تەغدىرگە ئۇچرىماقتا ئىدى. شەھەرگە ماسلىشالمايۋاتقان ياشلارنىڭ، يېزا بىلەن شەھەرنىڭ پەرقىدىن ھەيرانلىقتا ھاڭۋېقىپ قېلىۋاتقان ياشلارنىڭ ئۆتكۈنچى مەزگىللەردە جامائەت ساغلاملىق ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە يېتەرلىك ئۇچراپ كېتەلمەيۋاتقانلىقى سەۋەبلىك قىممەت ئېڭى بىلەن ئەخلاقى چۈشەنچىسى تىنەپ-تەمتىرەپ قالماقتا ئىدى. بالا بېقىشنى بىلگەن بىلەن بالا تەربىيەلەشكە يېتىشىپ بولالمايۋاتقان ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالدىدىن جەمئىيەتكە چىققان بىر قىسىم ياشلار زاماننىڭ قىزىل-يېشىل چىراقلىرى ئالدىدا كۆزلىرى ئالا-چەكمەن بولۇپ قايمۇقۇپ قېلىشىۋاتقان ئىدى. 
     ئىسسىق روھقا تەسىر كۆرسەتمەكتە، ۋۇجۇدنى تېپچەكلەشتۈرمەكتە، كەيپىيات ئىزدىمەكتە، جامائەتچىلىك پارچە جاھاندارچىلىققا ئايلانماقتا، ئەنە شۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىر قىسىىم كىشىلەر روھى ئېچىرقاش بىلەن ئەخلاقنى تەرىك ئېتىپ، بەدەننىڭ مەستخۇشلۇقىقا مەھلىيا بولماقتا.
         بۇ يۇرتتىكى ئەنە شۇنداق تەبئىي- ئىجتىمائىي ئۆزگىچىلىككە مۇناسىۋەتلىكتەك بىلىنىدىغان ھالەتتىكى باشقىچە پەرىقلىق ئەھۋال __ زەھەر چېكىش ۋە ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش مەسىلىلىرىمۇ ئالاھىدە گەۋدىلىنىپ تۇرىۋاتىدۇ. تۇرپاندىكى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئىككى مىڭ تۆت يۈزدىن ئاشقان بولۇپ، زەھەر چەككۈچىلارمۇ ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىدىن ئاز ئەمەس ئەلۋەتتە. بۇ ساندىن قارىغاندا ئالتە يۈز مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسى بار تۇرپان رايونىدا ھەر ئىككى يۈز ئەللىك كىشىنىڭ ئىچىدە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بىرەيلەن بولغان بولىدۇ. بۇ نىسبەتنى ئاڭلاپ جېق ئەمەسكەن دېيەلمەيمىز. ئۆزىمىزنى ئاشۇ ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ ئورنىغا قويۇپ تەسەۋۋۇر قىلىپ باقساق، ئۇلارنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولغان پىسخىك ئازابى بىلەن جەمئىيەتتىكى كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقان روھى بېسىمىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيمىز.
        شۇنداقلا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش بىلەن ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرى ئىسراپ بولىۋاتىدۇ، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ۋىرۇسقا قارشى دورا يىمىسە، پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىلىرىدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ، بۇنداق ساقايتقىلى بولمايدىغان كېسەل ئىنساننىڭ ھاياتىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىپ ئەجداتنى ئەۋلاتقا ئۇلاش جەھەتتە خىرىس ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا، ئەيدىزدەك ئۈزۈل-كېسىل ساقايمايدىغان خەتەرلىك يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن يۇقۇملانغۇچىدىن بىرسىمۇ بولماسلىقى كېرەك ئىدى. بۇ تېخى ئەيدىزنىڭ يۇقۇش-تارقىلىش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى بولغان ئالاھىدە كىشىلەر توپىنى تەكشۈرۈشتىن ۋە ئادەتتىكى كىشىلەر ئارىسىدا داۋالىنىش جەريانىدا تاسادىپى بايقىلىپ قالغۇچىلار بولۇپ، بايقالمىغانلارنىڭ يەنە بارلىقىنى نەزەردىن چەتتە قالدۇرالمايمىز. يەنە تېخى ئومۇمى خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈشنىڭ ئومۇملىشىغا ئەگىشىپ، بۇندىن كىيىن ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلار تەكشۈرۈشتىن چۈشۈپ قالماي ھەممىسى ئېنىقلىنىپ چىقسا، بۇ سان قانچىگە يېتىدۇ بىلگىلى بولمايدۇ. دېمەك، ئەيدىز ھەم نۆۋەتتىكى دۇنيا ئۈزۈل-كېسىل ساقايتالمايۋاتقان ھەم ئادەمنىڭ ئۆزئارا مۇھىم مۇناسىۋەتلىرى ئارقىلىق، يۇشۇرۇن يۇقۇپ، يۇشۇرۇن ساقلىنىپ، يۇشۇرۇن داۋاملىشىدىغان بولغاچقا، بىر قىسىم يۇقۇملانغۇچىلار قانداق يۇقۇملانغانلىقىنى بىلسىمۇ ئەمما كىمدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلەلمەي قالىدىغان، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر كىمدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلسىمۇ قاچان يۇقۇملانغانىلىقىنى بىلەلمەيدىغان، بىر قىسىم كىشىلەر قەيەردە يۇقۇملىنىپ قالغانلىقىنى بىلەلىسىمۇ ئەمما قانچىلىك كىشىگە يۇقتۇرۇپ بولغانلىقىنى بىلەلمەيدىغان، شۇنداقلا بىر قىسىملار ئۆزلىرىنىڭ قاچان كىمدىن قانداق يۇقۇملىنىپ قالغانلىقىنى بىلەلمەي قالىدىغان، تېخى بەزىلەر ئەڭ يېقىن كىشىلىرى بولغان ئائىلىسىدىكى ھەمرالىرىدىن يۇقۇملىنىپ قالىدىغان، ھەتتا ئاتا-ئانىلىرىدىن يۇقۇملىنىپ قالىدىغان، يەنە تېخى بەزىلەر ئۆزلىرىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ باشقىلارنىڭ نېمە بولۇشلىرى بىلەن كارى بولۇشماي يۇقۇش يوللىرىدىكى مۇناسىۋەتتە بولۇپ يۈرۈشىدىغان، يەنە شۇنداقلا بەزى كەسپى تىجارەت ئورۇنلىرى بىلەن لاياقەتسىز داۋالاش ئورۇنلىرىمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن يۇقۇملاندۇرۇش ۋاستىسى بولۇپ قالىدىغان خەتەرلىك يۇقۇملۇق كېسەلدۇر.
       ئەيدىز ۋىرۇسى زەھەر چېكىدىغانلارنىڭ ئۆز كېسىلىنى ئۆزلىرى داۋالايدىغاندەك ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى ئوكۇل ئۇرىدىغان ئىشپىرىس-يىڭنىنى باشقا زەھەر چەككۈچىلەر بىلەن ئورتاق ئىشلىتىشىدىن؛ توي قىلماي تۇرۇپ خۇددى «مانتا كۆرمىگەن قاسقانغا دۈم چۈشكەندەك» قارشى تەرەپنىڭ قانداق جىنسى كېسەللىرى بار-يوقلىقى بىلەن ھېساپلاشماي، تېنىنى سېتىپ پۇل تاپىدىغان پاھىشەلەر بىلەن، كوچىدىن كىرمەي ئاتالمىش «كۆڭۈل» ئىزدەپ يۈرۈيدىغان بىر قىسىم شوخ تۇلخوتۇنلار بىلەن، نىكاھنى كېرەك قىلمايدىغان ھەم نىكاھنىڭ ھۆرمەت-قەدرىنى قىلمايدىغان يولدىن چىققان ئىشقىۋاز يىگىت-قىزلار بىلەن تۇنۇشقان يۇرت-شەھەرلەرنىڭ مېھمانخانىلىرىدا خالىغانچە جىنسىي ئالاقىدە بولۇشتىن، شۇنداقلا توي قىلغان ئائىلىسى بار ئەر-ئاياللارنىڭمۇ نىكاھ سىرتىدا باشقىلار بىلەن ئۆتكۈنچى «ئاشنىدارچىلىق» مۇناسىۋەتتە بولۇشىدىن، شۇنداقلا بۇنداق ئاشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتنىڭ ئىلگىر-كىيىن ۋاقىت داۋامىدا ئالمىشىپ يېڭىلىنىپ تۇرۇشىدىن؛ ھەمجىنىس ئەرلەرنىڭ چوڭ تەرەت يولىدىن جىنسىي قىلمىش بىلەن شۇغۇللىنىشىدىن؛ زەھەر چېكىپ قان ئارقىلىق يۇقۇملىنىپ ۋە ياكى نىكاھ سىرتىدا ھەمرايىم بىلمىدى-كۆرمىدى دېگەن سەمىمىيەتسىزلىكتە باشقىلار بىلەن ئىشقىۋازلىق قىلىپ ئەيدىزنى يۇقتۇرىۋالغانلىقىدىن خەۋەرسىز ھالدا ئائىلىدىكى سەمىمى-سادىق ھەمرايىغا يۇقتۇرۇپ قويۇشىدىن؛ شۇنداقلا نىكاھ سىرتىدا تاپتىن چىقىپ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن، ھەمرايىمغا (خوتۇنىغا ياكى ئېرىگە) بىلدۈرسەم نىكاھتىن ئاجرىشىپ كەتسە، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بۇ ھالىمدا يەنە كىم بىلەن قايتا توي قىلالايتىم، شۇڭا يۇقۇملانغانلىقىمنى بىلمەپتىمەن دەپ ھەمرايىمغىمۇ يۇقتۇرۇپ قويسام، بۇنداق ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ھالىدا مەندىن ئاجرىشىپ كېتەلمەيدۇ دەپ ئويلاپ، ئۆزىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى يۇشۇرۇپ بىلىپ تۇرۇپ ھەمرايىغا يۇقتۇرۇپ قويۇشتىن؛ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغاندىن كىيىن توي قىلالماي ياكى نىكاھتىن ئاجرىشىپ كېتىپ، ھەم ئەيدىز سەۋەپلىك كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تاپالمىغانلىقىدىن، «ئىشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر توقۇمنى» دېگەندەك قىلىپ، ماڭىمۇ باشقىلار يۇقتۇرغان، شۇڭا مەنمۇ باشقىلارغا يۇقتۇرىمەن دەپ، باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويۇدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئەيدىزنىڭ يۇقۇش قىلمىشى بىلەن شۇغۇللىنىشىدىن؛ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئايال ھامىلدار بولغاندا ۋاقتى قەرەلىدە سالامەتلىك تەكشۈرتمەي ياكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دورىنى يىيىشكە ماسلاشماي ھامىلدارلىق، تۇغۇت، ئىمىتىش مەزگىلىدە بالىسىغا يۇقتۇرۇپ قويۇشىدىن ئىبارەت قاندىن، جىنسى مۇناسىۋەتتىن، بالىغا ئانىدىن يۇقۇش-تارقىلىش يوللىرى ئارقىلىق، ئەيدىز ئادەمدىن ئادەمگە يۇقىۋاتىدۇ، تارقىلىۋاتىدۇ. ئەيدىز يۇقۇش ئۇسۇلى-يوللىرى يۇقىرىدا دېيىلگەندەك ئېنىقلىنىپ بولغان، مۇقىملاشقان، جەمئىيەتكە-جاھانغا ئاشكارىلانغان، پۈتۈن دۇنيادا ئوخشاش يۇقۇشچانلىققا ئىگە ئىكەنلىكى بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن، ئەنە شۇ يۇقۇش يوللىرى ئارقىلىق ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان، ئەمما ئادەملەر بىلىپ-بىلمەي داۋاملىق يۇقۇملىنىۋاتقان، يۇقۇملاندۇرىلىۋاتقان ئازابلىق، ئەلەملىك يۇقۇملۇق كېسەلدۇر. ئەپسۇس، ئەيدىزنىڭ ساقايمايدىغان يۇقۇملۇق كېسەل دېگەن مەنىسىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويغان بىغەم ھەم ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھاياتىغا مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقان كىشىلەر ئەيدىزگە پۇتلىشىپ ئۇنىڭ دەردىنى تارتىۋاتىدۇ، باشقىلارغىمۇ قايتۇرىۋالغىلى بولمايدىغان دەرت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئادەم ئەيدىزدىن باشقىلار ئارقىلىق يۇقۇملىنىۋاتىدۇ، باشقىلار ئارقىلىق يۇقۇملاندۇرىلىۋاتىدۇ. ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ پىشانىسىدە بەلگىسى بولمىغاچقا، ھەم ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار ئۆز كېسىلىدىن نومۇس قىلىپ، شۇنداقلا كەمسىتىلىشتىن قېچىپ كېسىلىنى باشقىلاردىن يۇشۇرىدىغان بولغاچقا، كىشىلەر ئەتراپىدا، مەھەللىسىدە كىملەرنىڭ بۇ كېسەلدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلەلمەي يۈرۈشمەكتە. شۇنداقلا ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارمۇ سالامەتلىك تەكشۈرتمىسە ئۆزىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى بىلەلمەي يۈرىۋېرىدىغان بولغاچقا، مۇشۇ بىلمەسلىكتىنمۇ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنى ھەم باشقىلارنى يۇقۇملاندۇرۇپ قويىدىغان ئەھۋاللار ئەڭ ئېغىر مەسىلىگە ئايلانماقتا. دېمەك، ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرى ئېنىقلانغان، ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى كىشىلەر يۇقۇم مەنبەسىگە ئايلىنىپ بىلىپ-بىلمەي باشقىلارغا يۇقتۇرماقتا، باشقىلارنى يۇقۇملاندۇرماقتا. يۇقۇش مەنبەسى بولغان ۋىرۇس قان، جىنسى مۇناسىۋەت، ئانىدىن بالىغا ئۆتۈش ئارقىلىق ئىنساننىڭ جىسمىغا كىرىۋالغان بولغاچقا، شۇنداقلا بۇ يۇقۇش يوللىرى ئىنساننىڭ تەبىئىيتىدە بولغاچقا، تېخى ئىنسان ئۆز جىسمىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنى تېببىي تېخنىكىلىق ئالاھىدە تەكشۈرۈش ۋاستىلىرىغا تايانمىسا سېزەلمەيدىغان، كۆرەلمەيدىغان بولغاچقا، ئەيدىز ئادەملەر ئارىسىدا زەنجىرسىمان، شاخسىمان، تورسىمان ھالەتتە، خۇددى شاخلىتىپ ساتقۇچىلارنىڭ مۇناسىۋىتىدەك يۇقۇش-تارقىلىش يۈزلىنىشىدە كېتىۋاتماقتا. جۈملىدىن، ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ توغرا بولمىغان قىلمىشى سەۋەبلىك ئەيدىزدىن يۇقۇملانماقتا، باشقىلارنىڭ ئىلگىرىكى توغرا بولمىغان قىلمىشى تۈپەيلىدىن ئائىلىدىكى ھەم بالىلىق بولۇشتىكى نورمال مۇناسىۋەتتىنمۇ يۇقۇملاندۇرۇلۇپ ئۇۋالچىلىققا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىماقتا. مەسئۇلىيەتسىز، لاياقەتسىز داۋالاش ۋە باشقا كەسپى مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدىكى ئوكۇل ئۇرۇش، قان ئېلىش، چىش داۋالاش، كىچىك ئوپىراتسىيە، بالا چۈشۈرۈش، بالا تۇغۇش، ھۆسۈن تۈزەش، چاچ-ساقال ئېلىش دېگەندەك ئەھۋاللاردىمۇ يۇقۇملىنىش-يۇقۇملاندۇرۇلۇش كۆرۈلمەكتە.
       «كېسەلنى يوشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارە» دېگەن گەپ بار. شۇڭا يۇرتىمىزدىكى-ئەتراپىمىزدىكى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنى بىلىشىمىز كېرەك. دېمىسىمۇ، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ بېشىغا ھەر خىل دەرت-ئەلەملەر كېلىۋاتىدۇ. قانۇن-نىزامدا ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارمۇ توي قىلسا بولىدۇ دېيىلگەن بولسىمۇ، ھەم ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار نىكاھتىن ئاجرىشىپ كېتىشى كېرەك دىيىلمىگەن بولسىمۇ، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ توي قىلىشى قىيىنچىلىققا ئۇچراپلا قالماستىن، ئاللىقاچان توي قىلىپ بولغانلار نىكاھتىن ئاجرىشىپ ئائىلىسى بۇزۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ. ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ بالىلىرى يىتىم بولۇپ قېلىۋاتىدۇ، بەزىلىرى ئوقۇشتىنمۇ قېلىپ قېلىۋاتىدۇ. قانۇن-نىزاملاردا ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنى كەمسىتمەسلىك ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىش-خىزمەت تېپىشى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقى سەۋەبلىك بىر قىسىم ئورۇنلار تەرىپىدىن يەكلىنىپ، چەتكە قېقىلىپ توسالغۇغا ئۇچرىماقتا.
         ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلاردىن باشقىلار كېسەل يۇقۇپ قالامدىكىن دەپ ئۆزىنى ئېلىپ قاچىدۇ. ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارمۇ يېنىمدىلەرگە ئەيدىزنى يۇقتۇرۇپ قويارمەنمۇ دەپ ئەنسىرەيدۇ. ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇش يوللىرى ئاللىقاچان تەكشۈرۈپ چىقىلىپ جاھانغا مەلۇم بولۇپ، ئادەملەرگە سىڭدۈرۈپ تۇرىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ قانداق يۇقىدىغانلىقى جەمئىيەتتە توختىماي تەشۋىق قىلىنىپ كىشىلەرگە بىلدۈرۈپ تۇرىلىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار داۋاملىق پەيدا بولىۋاتىدۇ. شۇنداقلا كىشىلەر يەنە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلاردىن قېچىپ يۈرىۋاتىدۇ. ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارمۇ باشقىلار ئالدىدا كېسىلىنى يۇشۇرىۋاتىدۇ. ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار باشقىلاردىن ھەم جەمئىيەت تەرىپىدىن ھەر خىل شەكىلدە كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتىدۇ. كېسەلنى كەمسىتىش دېگەنمۇ ئىشمۇ! كېسەلنى كەمسىتىش ئەخلاقسىزلىق ۋە ھاكاۋۇرلۇق ئەمەسمۇ! كىم ئۆزى خالاپ كېسەل بولۇپ قالسۇن-ھە! ھەرقانداق ئادەم كېسەلدىن قاچىدىغۇ. كېسەلنى كەمسىتىش ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك قىلغاندەك ئىشقۇ. ئۇنداقتا، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلار نېمىشقا كەمسىتىلىدۇ؟ سەۋەبى نېمە-ھە!؟
        ئادەملەر ئارىسىدا ئەڭ دەسلەپتە ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش بەچچىۋازلىق ئارقىلىق ئىنسانلار جەمئىيىتىگە تارقالغان. ئاندىن زەھەر چېكىپ ئىشپىرسنى ئورتاق ئىشلىتىدىغان چېكەرمەنلار سەۋەبىدىن قان ئارقىلىق يۇقۇش يولىغا ئىگە بولغان. بەچچىۋازلار بىلەن زەھەر چېكىدىغانلارنىڭ نىكاھنىڭ ئىچى-تېشىدا ھەر خىل جىنىسداشلار ئارا جىنسىي ئالاقە قىلىشى ئارقىلىق، جىنسى مۇناسىۋەت يولى بىلەن يۇقۇش-تارقىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.
         دېمەك، ئەيدىزنىڭ دەسلەپتىن باشلانغان تارقىلىش يوللىرى مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھەممىسى دېگۈدەك توغرا بولمىغان يوللاردىن، خەتەرلىك قىلىق-قىلمىشلاردىن پەيدا بولغاچقا، ھازىرمۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەممىسى بىر تاياقتا ھەيدىلىپ توغرا بولمىغان يوللاردىن، قىلىق-قىلمىشلاردىن يۇقۇملانغان دەپ قارىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەيدىز كېسىلى يامان نام-ئاتاققا ئىگە بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغۇچىلار قاتتىق ئازاپلىنىدىغان، ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئۆزىگە يۇقتۇرۇپ قويغۇچىغا ئۆمۈرلۈك ئۆچ بولۇپ كېتىدىغان، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلاردىن قاچىدىغان، ئەيدىز كېسىلىگە دۇچار بولغۇچىلارنى كەمسىتىپ چەتكە قاقىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىپ، كىشىلەر كېسەل پەيدا قىلىدىغان يۇقۇملۇق ۋىرۇسنىڭ ئۆزىنى ئەمەس، بەلكى بۇ كېسەلدىن يۇقۇملانغۇچىلارغا دىققىتىنى بۇرىۋالىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىنمۇ ئۆتە ھالەتتە كېسەل بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارغا باشقىچە قارايدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ. بەلكىم، كىشىلەر ئەيدىز كېسەللىرىنى قوبۇل قىلالماسلىق ئارقىلىق، ئۆزلىرىگە ۋە باشقىلارغا ئەيدىزدىن يىراق تۇرۇش پوزىتسىيەسىنى ھېس قىلدۇرسا كېرەك.
      قىسقىسى، ئەيدىز نىكاھ سىرتىدىكى پاك ھەم پاكىز بولمىغان پاھىشە ۋە پاھىشىۋازلار بىلەن بولغان جىنسى مۇناسىۋەتتىن، قىز-ئوغۇل، ئەر-ئايالنىڭ مەنپەئەت-پايدىلىنىشنى مەقسەت قىلغان ئاتالمىش «دوست» مۇناسىۋىتىدىكى نىكاھنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدىغان جىنسى ئالاقىسىدىن، خۇددى جىددى كېسىلىنى داۋالايدىغاندەك ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى ئوكۇل ئۇرۇپ زەھەرنىڭ قۇلىغا ئايلانغان، خۇمارىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئىشپىرىسنى باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشلىتىدىغان چكەرمەنلەردىن، نوپۇس دەپتىرى بىلەن كىملىكىدە جىنسى ئەر دەپ يېزىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەرلەر ئارا بەچچە-بەچچىۋازلىق بىلەن مەقەتتىن جىنسى ئالاقە ئېلىپ بارىدىغان ھەمجىنىسلاردىن ئاساسلىق يۇقۇش-تارقىلىش ئەھۋالىدا بولۇپ، ئاشۇلارنىڭ بىلىپ-بىلمەي زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئائىلە ئاياللىرىمۇ بارغانسىرى كۆپەيمەكتە. بولۇپمۇ ئەيدىزنىڭ نەدە قانداق يۇقىدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ بېقىشمىغان دېھقانلاردىن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىۋاتقانلار كۆپەيمەكتە. شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئەنە شۇ دېھقان ئەرلەرنىڭ ھىچنېمىدىن خەۋەرسىز ئاياللىرىمۇ ئەرلىرى ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئۇۋالچىلىقىغا ئۇچرىماقتا. ئاندىن ئاشۇ ئاياللار-ئانىلار بالىلىرىغا يۇقتۇرماقتا.  
    («تۇرپان» پەسىللىك ژورنىلىنىڭ 2017-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، بىر ئاز ئۇزۇن بولغاچقا بۆلەكلەر بويىچە پارچىلاپ يوللاندى.)
    تېمىغا قارىتا كۆز قارىشىڭىز بولسا ئاستىدا ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى بار، كۆز قارىشىڭىزنى ئورتاقلىشىڭ!!!
    ئەڭ يېڭى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى
  • ماكا بۆرەك قۇۋۋەتلەش تابلىتى
    ماكا بۆرەك قۇۋۋەتلەش تابلىتى
  • ئەرلەر قۇۋۋەت ئاقسىلى
    ئەرلەر قۇۋۋەت ئاقسىلى
  • ماكا ئاقسىل تالقىنى
    ماكا ئاقسىل تالقىنى
  • ھەبىبى مۇمسىك
    ھەبىبى مۇمسىك
  • ئەيدىز تەكشۈرۈش قەغىزى
    ئەيدىز تەكشۈرۈش قەغىزى
  • ئاياللار تۇخۇمدان ياشارتىش گۆھىرى
    ئاياللار تۇخۇمدان ياشارتىش گۆھىرى
  • گۈلخانىش ئالاھىدە تارايتىش گۆھىرى
    گۈلخانىش ئالاھىدە تارايتىش گۆھىرى
  • خانىم-قىزلار قان قۇۋۋەت جەۋھىرى
    خانىم-قىزلار قان قۇۋۋەت جەۋھىرى
  • ئاياللار ياللۇغ قايتۇرۇش مەلھىمى
    ئاياللار ياللۇغ قايتۇرۇش مەلھىمى
  • ئەۋرەت ھوردىقى
    ئەۋرەت ھوردىقى
  • قولتۇق ماي
    قولتۇق ماي
  • ئاشقازان ياخشىلاش كاپسولى
    ئاشقازان ياخشىلاش كاپسولى
  • ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلار قۇۋۋەت ئاقسىلى
    ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلار قۇۋۋەت ئاقسىلى
  • سۆڭەك ياشارتىش كاپسولى
    سۆڭەك ياشارتىش كاپسولى
  • بېلىق مېيى-قان تازىلايدۇ
    بېلىق مېيى-قان تازىلايدۇ
  • ۋاكۇملۇق تارتما لوڭقىسى
    ۋاكۇملۇق تارتما لوڭقىسى
  • ئۆزلىكىدىن قىزىيدىغان بەللىك
    ئۆزلىكىدىن قىزىيدىغان بەللىك
  • ئۆزلىكىدىن قىزىيدىغان تىزلىق
    ئۆزلىكىدىن قىزىيدىغان تىزلىق
  • توك ئارقىلىق قىزىتىپ داۋالاش ئاپىراتى
    توك ئارقىلىق قىزىتىپ داۋالاش ئاپىراتى
  • پۇت ئۇۋۇلاش-قىزىتىش ماشىنىسى
    پۇت ئۇۋۇلاش-قىزىتىش ماشىنىسى
  • ۋىتامىن C تابلىتى
    ۋىتامىن C تابلىتى
  • كالىتسىي ۋە ماگنىي تولۇقلاش تابلىتى
    كالىتسىي ۋە ماگنىي تولۇقلاش تابلىتى
  • ۋىتامىن B تابلىتى
    ۋىتامىن B تابلىتى
  • ۋىتامىن D يۇمشاق كاپسۇلى
    ۋىتامىن D يۇمشاق كاپسۇلى
  • تەبىئىي ۋىتامىن E يۇمشاق كاپسۇلى
    تەبىئىي ۋىتامىن E يۇمشاق كاپسۇلى
  • يازمىغا باھا بىرىش

    تەخەللۇس: (چوقۇم تولدۇرسىز)

    تەستىق كودى:

    تىبابەت تورى

    مەسلىھەت سورىماقچى ياكى مەھسۇلات سېتېۋالماقچى بولسىڭىز تېلفون قىلىڭ: 13109917493(ئۈرۈمچى)

    تور بىكەتنى ئەنگە ئالدۇرغان \ ئىجازەت نومۇرى: 新ICP备16000802号